يۈننەن ئۆلكىسى خۇيزې ناھىيەسى دەيبۇ بازىرىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۆلجۈرگەن ئۈزمەكتە (1-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يۈننەن ئۆلكىسى چۈجىڭ شەھىرى خۇيزې ناھىيەسى يۈننەننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ۋۇمېڭشەن تېغىنىڭ ئاساسىي چوققا بۆلىكىگە جايلاشقان، ئېگىز ھەم سوغۇق تاغلىق رايونغا تەۋە بولۇپ، بۆلجۈرگەننىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ. 2013-يىلى بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، بۆلجۈرگەن كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، 2020-يىلى ناھىيە بويىچە تەخمىنەن 50 مىڭ مو بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈلدى، ھازىر بۆلجۈرگەننى دەسلەپكى پىششىقلاش كارخانىسىدىن 20 نەچچىسى بار. بۆلجۈرگەن كەسپى شۇ جاينىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى