1-ئاينىڭ 16-كۈنى، شاڭخەي چېنشەن ئۆسۈملۈك باغچىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان خاۋۋاڭجياۋ ماۋگاۋسەي
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، شاڭخەي چېنشەن ئۆسۈملۈك باغچىسى ھاشاراتخور ئۆسۈملۈك سارىيى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ «ئىزدىنىش»كە جەلپ قىلدى. ھاشاراتخور ئۆسۈملۈك ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك تۈر گۇرۇپپىسى بولۇپ، تەخمىنەن 10 ئائىلە 21 ئۇرۇقداش 630دىن ئارتۇق تۈرى بار، كۆپۈنچىسى ئېگىز تاغ سۇلۇق يەردە ياكى سازلىق يەردە ياشايدۇ. شاڭخەي چېنشەن ئۆسۈملۈك باغچىسىدا جەمئىي 150دىن ئارتۇق تۈر، 500دىن ئارتۇق ھاشاراتخور ئۆسۈملۈك كۆگەزمە قىلىندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ جيەنسۇڭ فوتوسى