تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئۇشارباي كەنتى: كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ «ئۈچ مىلودىيەسى»نى ياڭرىتايلى

   تىيانشان تورى خەۋىرى: كالا كەسپى جانلاندى، كونا كۆمۈر زاۋۇتلىرى تىرىلدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى بارغانسېرى كۆپەيدى... جېمىنەي ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىن بەش تېرەك يېزىسى ئۇشارباي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، نامراتلىقنىڭ مەنبەسىنى توغرا تېپىپ، كەنت ئەھۋالى، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات يولىنى توغرا تاللاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.

   كالا باقمىچىلىقىنى جانلاندۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش مىلودىيەسىنى ياڭرىتىش

   ئۇشارباي كەنتى مۇز تاغدىكى مۇزلۇق ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، نورمال تېمپېراتۇرا مەزگىلى قىسقا، داۋاملىق تۈردە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نەسىلنىڭ چېكىنىشى، پەرۋىشنىڭ يىرىك بولۇشى، كالا بېقىش پايدىسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئاساسى ئاجىز ئىدى. قىيىنچىلىق ئالدىدا، خىزمەت ئەترىتى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى نەسىلنى ئەلالاشتۇرۇش، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشتىن باشلاپ، كالا باقمىچىلىقىنى جانلاندۇردى.

   «خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەن تۈرگە تايىنىپ، سىمېنتال كالىسىدىن بەشنى سېتىۋالدىم. باقمىچىلىق جەريانىدا، خىزمەت ئەترىتى يەنە چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كالا بېقىش تېخنىكىسىغا قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى، بۇلتۇر سۈت ساتقاننى ھېسابلىمىغاندا، موزايدىنلا 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم» دېدى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كەنت ئاھالىسى خۇشال ھالدا.

   2020-يىلى 3-ئايدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى باقمىچىلارنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئىگىلەش ئاساسىدا، نەسىللىك كالا سورتىنى ياخشىلاش تۈر مەبلىغى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى مەبلەغ توپلاپ، سىمېنتال كالىسىدىن 50نى كىرگۈزۈپ، باقمىچىلارنىڭ باقمىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ تۈرنىڭ تۈرتكىسىدە، 2020-يىلى ئۇشارباي كەنتىدىكى سىمېنتال كالىسىنىڭ قوتاندا بېقىلىۋاتقان كالا سانى 100دىن ئاشتى. نەسىللىك كالا سورتىنى ياخشىلاپ بېقىشنى ئالغا سىلجىتىش ئاساسىدا، خىزمەت ئەترىتى شۇ جايدىكى ئوتلاق بايلىقى ۋە باشقا جايلاردىن ئەلا سۈپەتلىك يەم-خەشەكلەرنى كىرگۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كالا-قويلارنى بورداشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، يەنە سىرتقا چىقىپ كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۆگىنىش، كەسپىي خادىملار نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىشقا يېتەكلىدى.

   «ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق، پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىنى تەڭشەش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق، شۇنداقلا كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ زورايتتۇق» دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى شيې شىمىن.

   كونا كۆمۈر زاۋۇتىنى جانلاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ناخشىسىنى ياخشى ئېيتىش

   ئۇشارباي كەنتىدە بىر كۆمۈر زاۋۇتى بار بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئۈچ مو كېلىدۇ، كۆپ يىللاردىن بۇيان باشقۇرىدىغان ئادەم بولمىغاچقا ئۇزۇن مۇددەت «بىر ئىزىدا توختاپ قالغان». 2020-يىلى 3-ئايدا، خىزمەت ئەترىتى ئالاقىدار ئورۇن، كارخانىلارنى كەنتكە كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، كۆمۈر زاۋۇتىنىڭ تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىك لايىھەسىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى. ھېسابلىنىشىچە، كۆمۈر زاۋۇتى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق سېتىش مىقدارى 2000 توننىغا يېتىپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتىن كۆمۈر سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كۆمۈر زاۋۇتىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش قارار قىلدى.

   كەنت ئاھالىسى ناغىزبەك ئازغىنە كىرىمىگە تايىنىپ ئاساسىي تۇرمۇشىنى قامدايتتى، لېكىن ئۇنىڭ تىجارەت كاللىسى بار، ھەم پۇختا ئىشلەيدۇ، شۇڭا خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭغا كۆمۈر زاۋۇتىنى ھۆددىگە ئېلىش تەكلىپىنى بەردى.

   2020-يىلى 7-ئايدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىدىن 600 مىڭ يۈەننى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، كۆمۈر زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت ئۆيلىرىنى رېمونت قىلىپ، كۈرەكلىك ئېلېۋاتور، قاداق قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى ناغىزبەككە باشقۇرۇش، تىجارەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلدى.

   ئىككى ئايدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق كۆمۈر زاۋۇتى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. «ھازىر كۆمۈر سېتىۋېلىش قولايلاشتى، باھاسىمۇ بازاردىكىدىن ئەرزان» دېدى كەنت ئاھالىسى قۇرمانخان.

   خىزمەت ئەترىتى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى كارخانىلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، سېتىۋېلىش-سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ھازىر كۆمۈر زاۋۇتىنىڭ يىللىق سېتىش مىقدارى 2000 توننىغا يېتىپ، بەش كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، كۆمۈر زاۋۇتى ھەر يىلى يەنە 55 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، كۆمۈر بېلىتى شەكلىدە كەنت ئاھالىلىرىگە تارقىتىپ بەردى. «كېيىنكى قەدەمدە كۆمۈر مەيدانى كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، زاپاس كۆمۈر مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق» دېدى ناغىزبەك ئىشەنچ بىلەن.

   ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىنى جانلاندۇرۇپ، بەخت مارشىنى بىرلىكتە ياڭرىتىش

   ئۇشارباي كەنتىدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئويى بار، ئەمما تېخنىكا كەمچىل بولغاچقا، ئۇزاققىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى.

   خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى تۆت كارخانا بىلەن ئىشچى ئىشلىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشتە لاياقەتلىك بولغان سانائەت ئىشچىلىرىنى نىشانلىق يەتكۈزۈپ بەردى. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاز سوممىلىق ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن 200 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى.

   خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەنتتە تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق، رېمونتچىلىق، ئاشپەزلىك، باغۋەنچىلىك قاتارلىق ماھارەتلەر بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. 2018-يىلىدىن بۇيان، تۈرلۈك ماھارەت بويىچە 40 قارار تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، جەمئىي 1000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەندى.

   ئۇشارباي كەنتىدە ئىلگىرى ساتىراشخانا يوق ئىدى. كەنت ئاھالىلىرى چاچ ياساتقاندا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ناھىيە بازىرىغا باراتتى. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسى ئامانگۈلنىڭ كەنتتىكى تۇنجى ساتىراشخانا ئېچىشىغا ياردەم بەردى. ئامانگۈل مۇنداق دېدى: «چاچ ياساتقىلى كەلگەنلەر ناھايىتى كۆپ، ھازىر ھەر ئايدا 5000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمەن».

   خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتىكى ناۋايخانا، دېھقانچىلىق (چارۋىچىلار) ئارامگاھى، كەپشەرلەش دۇكىنى، كىچىك تىپتىكى تاللا بازىرى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى، 18 كەنت ئاھالىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلەپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى