تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىش، ئەتىياز پەسلىدىكى يۇقۇم مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك

ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنى ئاچتى

قىش، ئەتىياز پەسلىدىكى يۇقۇم مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، چاغاننىڭ ئالدى - كەينىدىكى بىر مەزگىلدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قايتا تەكىتلەندى، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرى سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق مۇھىت يارىتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، يۇقۇم ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ، چاغاننىڭ ئالدى - كەينى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىش، ئەتىياز پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئۇزاققىچە سەۋرچانلىق ۋە چىدامچانلىق بىلەن ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق خادىملارنى ياخشى باشقۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىر ۋە ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، يۇقۇمنىڭ كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، دائىملاشقان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تاللاپ تەكشۈرۈشنى يادرو قىلىپ، ئادەم، نەرسە، مۇھىتتىن تەڭ مۇداپىئەلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەتەرلىك كىشىلەر توپى ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى قەرەللىك، دائىملىق تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق سورۇنلارنى يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ كىرىش ۋە قايتا كۆرۈلۈش خەۋپ - خەتىرىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، يۇقۇمنىڭ يېزا رايونلىرىدا يۈزبېرىشى ۋە يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك دائىرىلەشكەن ھۆددىگە ئېلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىشقا تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. كەنتكە كىرىپ چىققانلارنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاش ۋە ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، توپلىنىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا باشقۇرۇپ، تىزگىنلەپ، توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يۇقۇمدىن ئالدىن سىگنال بېرىش قوزغىتىش مېخانىزمى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش، تېز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە داۋالاش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ قاراۋۇللۇق، كۆزەتكۈچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ۋە ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپكە ھۆكۈم قىلىپ، تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، ليۇ سۇشې، ۋەن خەيچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ