زىمىستان قىش پەسلىدە، تېكەس ناھىيەسى پارنىك بازىسىدىكى بۆلجۈرگەن پارنىكى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېشىل ئورگانىك بۆلجۈرگەنلەر بەس-بەستە بازارغا سېلىنىشقا باشلاپ، تاتلىق كەسىپلەر يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ئۈمىدىنى بارلىققا كەلتۈردى.
دېھقان خۇاڭ جيېخاۋنىڭ بۆلجۈرگەن تېرىۋاتقىنىغا 12 يىل بولغانىدى، ھازىر ئۇنىڭ ئۈچ پارنىكى بار بولۇپ، مياۋشياڭ، تيەنچالى قاتارلىق تۆت خىل سورت ئۆستۈردى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ئۈستىدە بىرنەچچە يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، خۇاڭ جيېخاۋ شۇ جايدىكى داڭلىق بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش ماھىرىغا ئايلاندى. بۇ يىل ئۇ يەنە يېڭى بىر سورت گەنلۇنى كىرگۈزدى، بۇ سورتنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولغانلىقتىن، گەنلۇ بۆلجۈرگىنى بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا ئىستېمالچىلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ھازىر، ھەر كۈنى 50 كىلوگىرام ئەتراپىدا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، بازار باھاسى ھەر كىلوگىرامى 80 يۈەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كەلدى.
مېۋە-چېۋە توپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاڭ كۈي ھەر يىلى خۇاڭ جيېخاۋنىڭ پارنىكىغا كېلىپ بۆلجۈرگەن سېتىۋالىدۇ، ئۇ بالدۇرلا 200 كىلوگىرام بۆلجۈرگەننى زاكاز قىلىپ سېتىۋالدغانىدى. جاڭ كۈي مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى بۆلجۈرگەننىڭ سۈپىتى ۋە تەمى ناھايىتى ياخشى، شۇنداقلا يېشىل زىيانسىز يېمەكلىك، شۇڭا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، سېتىلىش ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ياخشى».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسى قۇياش نۇرى پارنىكى، ئەسلىھەلىك باقمىچىلىق قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى، ئۈنۈمى ياخشى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پەسىلسىز مېۋە-كۆكتات تېرىش ياخشى مۇھىتىنى يارىتىپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ساياھەت تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئاساس سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. نۆۋەتتە، تېكەس ناھىيەسىدە 27 دېھقان ئائىلىسى، 61 پارنىكتا بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈۋاتىدۇ.
مەنبە: تېكەس نۆل ئارلىق
«ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى