تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنىڭ قەرز پۇل بازىرىدىكى ئۈلۈشى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بانكا كەسپىنىڭ %22كە يېقىنىنى ئىگىلىدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنىڭ تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 355 مىليارد 220 مىليون يۈەن بولۇپ، ئېشىش ھەجىمى %13كە يېتىپ، قەرز پۇل بازىرىدىكى ئۈلۈشى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بانكا كەسپىنىڭ %22كە يېقىنىنى ئىگىلىدى. ئامانەت - قەرز پۇل كۆلىمى ئۇدا توققۇز يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچىلىكنى ساقلاپ، يەرلىك ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇلتۇر، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، سودىنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىن قاندۇرۇش، قەرز پۇلنى ئالدىن تارقىتىش، مۇلازىمەتنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە جەمئىي 1 مىليون 374 مىڭ 200 قېتىم، 220 مىليارد 409 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 80 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل تارقىتىلغان يەككە سودا - سانائەتچى 90 مىڭ بولۇپ، 4 مىليارد 615 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقىتىلىپ، شىنجاڭدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئىچىدە %50تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى.

شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرى، مۇھىم، زور تۈرلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتىشىپ مېڭىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قاتارلىقلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سوممىسى 227 مىليارد يۈەنگە يەتتى؛ شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى، شىنجاڭ دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قاتارلىق 31 گۇرۇھ بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسى 119 مىليارد 150 مىليون يۈەنگە يەتتى.

بۇلتۇر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل قالدۇقى 182 مىليارد 993 مىليون يۈەن بولۇپ، تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقىنىڭ %51.52 ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان ئائىلىلىرىگە بەرگەن قەرز پۇل قالدۇقى 81 مىليارد 774 مىليون يۈەن بولۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە قەرز پۇل بېرىشنىڭ قاپلاش نىسبىتى %70كە يېقىنلاشتى؛ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بەرگەن قەرز پۇل 207 مىليارد 132 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 100 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بىردىنبىر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بولۇپ قالدى؛ ناھىيە يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى سىستېمىسى بەرگەن قەرز پۇل شۇ جايدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بەرگەن قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %65تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى يەنە پۇل مۇئامىلە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى جەمئىي 364 مىڭ 900 ئائىلىگە 15 مىليارد 531 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تارقاتتى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %68.32ى، %71.19ىنى ئىگىلىدى. 205 مىڭ ئائىلىگە 6 مىليارد 596 مىليون يۈەن ساقلانما مىقداردىكى نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تارقاتتى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %70.74ى، %70.37ىنى ئىگىلىدى، جەمئىي تارقاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنىڭ سوممىسى، ئېشىش مىقدارى ۋە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسى بىردەك پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بانكا كەسىپلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قەرز پۇل قالدۇقى 12 مىليارد 179 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 360 مىڭدىن ئارتۇق نامرات كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى «تۆتنى توختاتماسلىق» «سەككىزنى ئۆزگەرتمەسلىك» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، 50 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان، قەرز پۇل ئېلىش ئارزۇسى بار ھەم تىجارەت شارائىتى ۋە مۇناسىپ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەرز پۇلى»نى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كۆپ سوممىلىق مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇردى، ھازىرغىچە 104 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ