تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىن يەنە 16 جاي پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات» بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنت-بازار بولۇپ تاللاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، 10-تۈركۈمدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات» بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنت-بازارلار ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىن (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 16 جاي تاللاندى(ئاپتونوم رايوندىن 12 جاي، بىڭتۇەندىن تۆت جاي). بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات» بولۇش بويىچە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنت-بازار بەرپا قىلىش ئومۇمىي سانى 100دىن ئاشتى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بۇ، يەرلىك «خاس ماركا»نى ياخشى يارىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېزا-كەنت كەسىپ مىكرو ئىقتىساد چەمبىرىكى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم شىنجاڭدىن گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى شوتۇن كەنتى(سىپىڭتۇ لازىسى)، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى ياڭاق يېڭى كەنتى (خاس باغ-ئورمانچىلىق) قاتارلىق 16 جاي مەملىكەت بويىچە «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات» بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنت-بازار بولۇپ تاللانغان.

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات» بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنت-بازارلارنى باھالاشتا يېتەكچى كەسىپ گەۋدىلىك بولۇشى، كەنتنىڭ يېتەكچى كەسىپ مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن كەنت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشى؛ بازارنىڭ يېتەكچى كەسىپ مەھسۇلات قىممىتى 50 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن بازار ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشى تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇغۇرۇلۇش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولۇش، دىققەتنى يېتەكچى كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، ئىستىراھەت تەسىراتى، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىنغان.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى يېزا-كەنت كەسىپلىرى تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى دىققەتنى داۋاملىق خاس كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىيات يېڭى ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، خاسلىقى روشەن، جايلىشىشى مۇۋاپىق، ئىگىلىك تىكلىشى جانلىق، دىھقانلار بىلەن زىچ بىرلەشكەن بىر تۈركۈم «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات» بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنت-بازارلارنى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا كەسىپ تىرىكىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى