تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى ئېچىپ، قىشلىق ساياھەت قىزغىنلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى

  ئانار بۇلۇت: يېقىندا، قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى شاخۇ مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى يولغا قويدى، ساياھەتچىلەر قەھرىتان قىش پەسلىدە مۇز ئۈستى ھەرىكىتىنىڭ لەززىتىنى قانغۇچە ھېس قىلىش بىلەن بىللە، يەنە قىش پەسلىدىكى قۇملۇقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.

  مۇخبىر قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا تەرتىپلىك كىرىپ ساياھەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. شاخۇ كۆڭۈل ئېچىش رايونىغا كىرگىنىمىزدە، يالغۇز كىشىلىك مۇز تېيىلىش ئاپتوموبىلى، قوش كىشىلىك مۇز تېيىلىش ئاپتوموبىلى، مۇز تېيىلىش پەلەمپىيى، قوش كىشىلىك مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى قاتارلىق تۈرلەر ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلدى، مۇز ئۈستى ئەجدىھا قولۋاق تۈرى كىچىك دوستلارنىڭ تېخىمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنى باشلاپ كېلىپ مۇز ئۈستى ساياھىتىنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى، پۈتكۈل مۇز تېيىلىش مەيدانى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى.

  كەنت ئاھالىسى ياڭ لىنا ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە قۇمتاغ مەنزىرە رايونى شاخۇ مۇز ئۈستى تۈرىنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ بالىسىنى باشلاپ مۇز مەيدانىغا كېلىپ مۇز تېيىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. ياڭ لىنا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەن پەقەت يازدىلا قۇمتاغ قۇملۇقىغا كەلگەن، قىشتا تۇنجى قېتىم كېلىشىم. قىشتىكى قۇمتاغنىڭ ئويناش دەرىجىسى يازدىن قېلىشمايدىكەن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى بار ئىكەن».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى خەلقئارا پىيادە دالىدا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى، قۇملۇق ئاپتوموبىلى دالا مۇسابىقىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، مەنزىرە رايونىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، پىچان ساياھەت ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى.

مەنبە: پىچان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر ئابلەت ئابلىمىت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ