1-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 18دە، بۇ يول ئېغىزىدىكى شەرقتىن غەربكە بولغان يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىل يولىنىڭ، سولدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئاپتوموبىل يولى ئۇدۇل ماڭىدىغان ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىلدى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر پېڭ فاڭ خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ خانىم ئۈرۈمچىدىكى قاتناش ساقچىلىرىغا، سۇجوۋ يولى بىلەن يىنچۈەن يولى كېسىشىدىغان يول ئېغىزىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان يۆنىلىشىدە ئۇدۇل يۈرىدىغان ئاپتوموبىل يولىدىن پەقەت ئىككىسى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يول بويىدا بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس توختاش نۇقتىسى بارلىقىنى، ھەر كۈنى ئۇدۇل يۈرىدىغان ئاپتوموبىل يول بۆلىكىدە قىستاڭچىلىق بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
1-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 12 يېرىمدا، مۇخبىر يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) قاتناش ساقچىسى چوڭ ئەترىتى بېيجىڭ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى جاۋ پېيفېڭغا ئەگىشىپ يول ئېغىزىغا كەلدى. بۇ يول ئېغىزىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان يۆنىلىشىدە جەمئىي تۆت ئاپتوموبىل يولى بار بولۇپ، ئىككىسى سولغا ئەگىلىدىغان ئاپتوموبىل يولى، ئىككىسى ئۇدۇل يۈرىدىغان ئاپتوموبىل يولى ئىدى.
نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قاتناش ساقچىلىرى تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە كېلىپ، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 16دە، خىزمەتچى خادىملار يول ئېغىزىغا كېلىپ، سول تەرەپتىن سانىغاندا ئىككىنچى سولغا ئەگىلىدىغان ئاپتوموبىل يولىغا قايتىدىن بەلگە سىزىقى سىزىپ، ئۇدۇل ماڭىدىغان ئاپتوموبىل يولىغا تەڭشىدى ھەمدە سىگنال چىراغلىرىنى سەپلەش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى.