تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) قىسقا ۋاقىت تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندىن كېيىن، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يەنە كىردى، بۈگۈن (1-ئاينىڭ 14-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃8~5قىچە چۈشىدۇ، قىسمەن رايونلاردا بەش بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، بوران ئېغىزىدا 10~9 بال شامال چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى شامال 11 بال بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ بەزىدە بۇلۇتلىنىدۇ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئۇششاق قار ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃8-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃13-قىچە بولىدۇ، غەربىي شىمال شامىلى ئۈچ بالدىن تۆت-بەش بالغا ئايلىنىدۇ.
توققۇزدىن ئون بالغىچە غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تۆمۈرتامغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسى مايتاس بوران رايونى، S221 لىنىيەسى تولى كونا بوران ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسى ئالتاي ناۋخەي بوران رايونى يول بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G30 ، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۇنگىچە بولغان بۆلەكلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە G3015 دۆربىلجىندىن تۆمۈرتامغىچە بولغان بۆلەك، S201 لىنىيەسى مايتاس بوران ئېغىزى رايونى، S221 لىنىيەسى تولى كونا بوران ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسى ئالتاي ناۋخەي بوران رايونى يول بۆلىكى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى قار شىۋىرغانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.