تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئوڭۇشلۇق بۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئوڭۇشلۇق بۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سىياسەت - تەدبىر ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ سىلىق، مۇقىم ئۆتۈشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئوڭۇشلۇق بۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بۇنىڭدىن كېيىنكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى بىرىنچى ۋەزىپە ۋە نۇقتىلىق خىزمەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېتەكچى ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت نىشانىنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈشتىن كېينكى داۋاملاشما ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، زورايتىشىنى قوللاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسقا قارىتا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ قاراتمىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، مۇكەممەل بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ياردەم بېرىش - يۆلەشنى پەرقلىق قوللاشنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالغا سىلجىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپپارات، قوشۇننىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلاپ، تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جىپسىلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈر يىرىك پىلانىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، جاڭ بو، ۋەن خەيچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ