ئانار بۇلۇت: قىزىل، يېشىل، ھالرەڭ، سۆسۈن، سېرىق، ئاق... بۇ ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونى شىنجاڭ كاڭبەيجيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكىدىكى ھەقىقىي مەنزىرە. بۇ كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتىكى ھەر خىل رەڭلىك شوخلىلار ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك ئىچىدە ئۈزۈش رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلە قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئىستىراھەت ساياھەت رايونىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەندى. ئىستىراھەت ساياھەت رايونىدىكى خىللىرى كۆپ، رەڭگارەڭ چىرايلىق گۈللەر ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك — يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى تۈرى ئومۇمىي پىلانىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 144 مىڭ 389 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئۈزۈش رايونى، سۇدا ئۆستۈرۈش رايونى، تەتقىقات رايونى، يېمەك-ئىچمەكنى ھېس قىلىش رايونى، ئىستىراھەت ساياھەت رايونى قاتارلىق ئالتە رايونغا ئايرىلغان.
مەنبە: ئونسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر شىن چۇن، خۇ لياڭشۈەن