مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىندا، نىلقا ناھىيەسى «مەملىكەت بويىچە ھەسەل ھەرىسى كەسپى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئىلغار ناھىيە» شەرىپىگە ئېرىشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى ھەسەل ھەرىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال يار-يۆلەك بولدى، ھەسەل ھەرىسى كەسپى كارخانىلىرى، ھەسەل ھەرىسى كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، ھەسەل ھەرىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ھەسەل ھەرىسى كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھەسەل ھەرىسى كەسپى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
كەسپىي ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەسەل ھەرىسى كەسپىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەسەل ھەرىسى كەسپىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، ھەسەل ھەرىسى كەسپىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى زور رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ھەسەل مەھسۇلاتلىرى جەمئىيىتى «ھەسەل ھەرىسى كەسپى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئىلغار ناھىيە» ۋە «ھەسەل ھەرىسى كەسپى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يۇلتۇزى»نى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، پۈتۈن مەملىكەتتە بىر تۈركۈم ھەسەل ھەرىسى كەسپى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئىلغار ئورۇنلار بارلىققا كەلدى.
جۇڭگو ھەسەل مەھسۇلاتلىرى جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشى، پىكىر ئېلىشى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، 20 ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت «مەملىكەت بويىچە ھەسەل ھەرىسى كەسپى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئىلغار ناھىيە» شەرىپىگە ئېرىشتى، نىلقا ناھىيەسى بۇ قاتارغا كىردى.
ھازىر نىلقا ناھىيەسىدە 30 مىڭ ساندۇق ھەسەل ھەرىسى بار. بۇ ناھىيە يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ قارا ھەرە ھەسىلى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ھەسەل ھەرىسى كەسپىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشىدىغان مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.
«ئانار بۇلۇت» تىن تەرجىمە قىلدى