تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۆت بالدۇر» «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

«تۆت بالدۇر» «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى «تۆت بالدۇر» «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىپ - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، پۇختىلاپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، يۇقۇم ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۈرلۈك ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قەتئىي، كەسكىن، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، خەۋپ - خەتەر يوچۇقلىرىنى ئېتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. دىققەتنى «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق خادىملارنى ياخشى باشقۇرۇپ، دۆلەت دەرۋازىسىدىن شىنجاڭغا كىرىش دەرۋازىسىغىچە، ئاندىن مەھەللە (ئورۇن) قورۇ دەرۋازىسىغىچە بولغان يېپىق ھالقىلارنى باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىر ۋە ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇ دەرىجە چىڭىتىپ، پۇختىلاپ يۇقۇمنىڭ كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تاللاپ تەكشۈرۈشنى يادرو قىلىپ، ئادەم، نەرسە، مۇھىتتىن تەڭ مۇداپىئەلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. قاراۋۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ماسلىشىشى، ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادەتتە ئىشلىتىشكە قولايلىق، جەڭ مەزگىلىدە ئەسقاتىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىش، يول خەتىرىنى ئازايتىش، كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىنى ئازايتىش، شەخسىي مۇداپىئەنى كۈچەيتىش» پىرىنسىپى بويىچە، قىش، ئەتىياز پەسىللىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. جەڭ ھالىتىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوماندانلىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپكە ھۆكۈم قىلىپ، تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەييارلىقنى پۇختا قىلىش، تەييارلىق بولغان جەڭ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ليۇ سۇشې، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ