تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي ئىقتىساد نىشانىنى توغرا نىشانلاپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش

− ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تاڭئاتار كېرىماخۇننى زىيارەت

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىدە «ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپە زىچ چۆرىدىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەنبە ئېقىن سۈيى يەتكۈزۈلدى. «14 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى قانداق قىلىپ مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؟ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تاڭئاتار كېرىماخۇننى زىيارەت قىلدى.

پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى مۇھىت يارىتىش

«<13 - بەش يىل>دىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى» دېدى تاڭئاتار كېرىماخۇن.

شىنجاڭ بانكىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، پىڭئەن بانكىسىنى كىرگۈزۈش، جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەتلىك سۇغۇرتا شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى قاتارلىق چېگرا ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش، خابى بانكىسى قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىرگۈزۈش... «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى 125كە، ئاكسىيە ئاپپاراتى 45كە، سۇغۇرتا ئاپپاراتى 34كە يېتىپ، بانكا، سۇغۇرتا، ئاكسىيە ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ھاۋالە، ئىجارە، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركىتى قاتارلىقلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان كۆپ قاتلاملىق، فۇنكسىيە جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان پۇل مۇئامىلە تەشكىلىي سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپپاراتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. 2020 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى ئاكسىيە قەرەللىك مال تىجارىتى ئاپپاراتلىرىنى تور ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكلىدى، بۇلۇت بايلىقى قەرەللىك مېلى قەشقەر ۋىلايىتىدە بىر قەرەللىك مال تىجارەت بۆلۈمى تەسىس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەرەللىك مال تىجارىتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى؛ شېنۋەن خۇڭيۈەن غەربىي قىسىم ئاكسىيەسى خوتەندە بىر ئاكسىيە تىجارەت بۆلۈمى تەسىس قىلىپ، ئاكسىيە تىجارەت تور نۇقتىلىرىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولدى، 2020 - يىلى يېزا سودا بانكىسىدىن 29ى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ قۇرۇلدى.

تاڭئاتار كېرىماخۇن مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدا، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ يېڭى ئۈچ بۆلەك، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى، ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى ھەمدە رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى چىقىرىپ، رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش، يېتىشتۈرۈش - يېتىلدۈرۈش، خۇسۇسىي تارقىتىشنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك بازاردا ئاشكارا تارقىتىش، پېيىنى بازارغا سېلىپ سودا قىلىشقىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ، كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى پائال قوللاپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا رويخەتكە ئېلىنغان A پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت 59غا يېتىپ، «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرى بولغان 2015 - يىلىدىكىدىن 16سى كۆپەيدى، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، رايون ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇردى. 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلى 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ كاپىتال بازىرى ئارقىلىق جەمئىي 293 مىليارد 462 مىليون يۈەن بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى جەمئىي ئىشقا ئاشۇرۇلغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1.84 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ئاپتونوم رايوننىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، پەرقلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى ۋە سانائەتنىڭ مۇقىم ئېشىشى، قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى، ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. 2020 - يىلىنىڭ بېشىغىچە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 3 تىرىليون 30 مىليارد يۈەن، خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 2 تىرىليون 50 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2016 - يىلىنىڭ بېشىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %62.9 ۋە %49.6 ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %13.0 ۋە %10.6 ئاشتى.

«14 - بەش يىل»غا نەزەر سېلىپ، تاڭئاتار كېرىماخۇن مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 -، 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېزدىن سىڭىشىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى 2025 - يىلىغا بارغاندا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئورنىغا ئۇيغۇنلاشقان رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش، جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئون جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتكە كۈچەشنى چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى نىشانلاپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىل بولۇش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت كونكرېت تۇتقۇدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى خاس پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، قاراماي شەھىرى قاتارلىقلاردا يېشىل پۇل مۇئامىلە بويىچە يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى سىياسىتىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ؛ ئېنېرگىيە پۇل مۇئامىلىسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى قوللايدۇ؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوللاپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاۋامنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

«شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ يەرلىكنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىرلەشمە يىغىنى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىمىز. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، تۈرلۈك ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز» دېدى تاڭئاتار كېرىماخۇن.

پۇل مۇئامىلە مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاپ، پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش

«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، بىز پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە مۇھىم ئامىللىرىنى زور كۈچ بىلەن توپلاپ، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز» دېدى تاڭئاتار كېرىماخۇن.

پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ قاتلاملىق، كەڭ قاپلىغان، پەرقلىق بولغان بانكا سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، قازاقىستان تەرەپ بانكىسىنىڭ جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ ماكانلىشىشىنى قوللايدۇ؛ سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنى شىنجاڭدا رايون خاراكتېرلىك باش ئىشتاب تەسىس قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ؛ ئاكسىيە، فوند، قەرەللىك مال تىجارەت ئاپپاراتلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تەسىر كۈچى بار ئاكسىيە شىركەتلىرى، فوند شىركەتلىرى، قەرەللىك مال شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا بالا شىركەت، رايون خاراكتېرلىك ئاپپارات ياكى تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىشىنى قوللايدۇ؛ يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز كىرېدىت بازىرىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، كىرېدىت مەبلىغى سېلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ؛ ھاۋالە قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاپ، مەبلەغنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ كىرگۈزىدۇ؛ زايوم بازىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۆۋەن تەننەرخلىق مەبلەغ مەنبەسىنى كېڭەيتىدۇ؛ پاي ھوقۇقى بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ.

پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يۈرۈشلەشكەن ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يەرلىكنىڭ ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئۇيغۇنلاشقان پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ.

پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭ ئەۋزەل كۈچىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ مەنبەلىك ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىدۇ.

ئىختىساسلىقلار رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك. «بىز يۇقىرى قاتلاملىق، جىددىي كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق - كومىتېتلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش سالمىقىنى زورايتىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى تاڭئاتار كېرىماخۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ