تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تاغ باغرىدا ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش

قارا چەڭزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاپ قىزىرقان بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭى ئۆيىدە پاراڭلاشماقتا (2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان).

قارا چەڭزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىبراھىم ئالىقا ئۆز ئاچقان ئۆزگىچە تائاملار ئاشخانىسىدا لەغمەن سوزماقتا (2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان).

خېرىدارلار قارا چەڭزى كەنتىدىكى نۇرجان ئۇنىۋېرسال تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالماقتا (2020-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى).

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى): «ھازىر تۇرمۇشىمىز ئۈمىدكە تولدى، ھەر كۈنى كىرىم قىلالايمىز» دېدى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى كۆلياقا يېزىسى قارا چەڭزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىبراھىم.

32 ياشنىڭ چامىسىنى ئالغان ئىبراھىم ئىلگىرى قارا چەڭزى كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ياخشى سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەندى، ئۇ ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى، 2020-يىلى 4-ئايدا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، كەنتتە كالا گۆشى ئۈگرىخانىسى ئاچتى، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 600 يۈەندىن ئاشتى، باقمىچىلىق ۋە باشقا كىرىمىنى قوشقاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسى 2020-يىلى 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

قارا چەڭزى كەنتىدە ئىبراھىمغا ئوخشاش كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلار پائال ماھارەت ئۆگەندى، بەزىلىرى تاللا بازىرى ۋە چاچ ياساش دۇكىنى ئاچتى، بەزىلىرى دېھقانلار (چارۋىچىلار) ئارامگاھى ۋە ئائىلە مېھمانخانىسى ئاچتى، يەنە بەزىلىرى يېمەكلىك زاۋۇتى ئاچتى، كەنتتە ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قارا چەڭزى كەنتى شۇ جاينىڭ تاغ-دەرياغا يانداشقان ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ساياھەتچىلىك، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك، يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىشى، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، باركۆل كۆلى قارا چەڭزى ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى 30دىن ئارتۇق دۇكان ۋە چارۋىچىلار ئارامگاھى، ئائىلە مېھمانخانىسى 200دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، ۋاسىتىلىك ھالدا 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ