تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توقسۇ ناھىيەسى زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدىكى گوپەي تاۋۇزى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى

  ئانار بۇلۇت: توقسۇ ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، ۋېيفاڭ گوپەي يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا توقسۇ ناھىيەسىگە كىرگۈزدى ھەم مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ پەسىلسىز تاۋۇز بازىسى — توقسۇ ناھىيەسى زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدىكى گوپەي تاۋۇزى قۇرۇلۇشى تۈرىنى قۇردى، بۇنىڭغا جەمئىي 248 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2232 مو بولۇپ، يېڭىدىن 262 پارنىك ياسالدى.

  1-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىر تۇنجى تۈركۈمدە تېرىلغان تاۋۇز پارنىكىغا كىرگەندە، قويۇق ئوغۇت پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلاتتى، سۈزۈك سۇلياۋ يوپۇقتىن بىر پارچە يېشىللىقنى كۆرگىلى بولاتتى، تېخنىك گو ۋېنخۇا پارنىكتا ئالدىراش ئىدى.

  تېخنىك گو ۋېنخۇا مۇنداق دېدى: «ئەتىگەندە ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن قىلىدىغان تۇنجى ئىشىم پارنىك يېپىنچىلىرىنى ئېچىپ، تاۋۇزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرۈش، قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن يەنە كېچىلىك ئىسسىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، 10 كۈن ئەتراپىدا بەش مىڭ تۈپ تاۋۇزنى ئوغۇتلاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت».

  گو ۋېنخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ تاۋۇزلار چاڭلاشتۇرۇشتىن باشلاپ 45 كۈندىن كېيىن پىشىدۇ، چاغاندىن بۇرۇن بىر قىسىم تاۋۇزلار بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن.

  تېخنىك خادىم گو ۋېنخۇانىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەنلىرىنىڭ ھەممىسى شەندۇڭدىن كەلتۈرۈلگەن ئەلا سورتلۇق زاۋچۇنمى تاۋۇزى بولۇپ، تىك ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى، بىر پېلەكتە بىر تاۋۇز، مەخسۇس ئادەم مەخسۇس پارنىك، بىر ئادەم بىر پارنىك ئۇسۇلى قوللىنىلغان. بۇنداق تېرىلغان تاۋۇزنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، كۈن نۇرى تەكشى، شەكلى كۆركەم، تەمى تاتلىق بولىدۇ. تاۋۇز پىشقاندىن كېيىن، ھەر بىر تاۋۇزنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 3.5 جىڭ بولۇپ، ھەر جىڭى 30 يۈەن بولىدۇ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە سېتىلىدۇ.

  توقسۇ ناھىيەسى زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدىكى گو پەي تاۋۇزى قۇرۇلۇش تۈرى بازىسى ئىچئېرىق بازىرى ئويباغ كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ تۈر 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى خېرىدار چاقىرىشنى تاماملاپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىش باشلىغان. ھازىرغا قەدەر، 72 پارنىك قۇرۇلۇشى تاماملاندى.

  بۇ تۈرنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە ماكانلىشىشى يەرلىكنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپتىكى 300دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەنبە: توقسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر چېن شياۋلىڭ، ئەكبەر قاسىم

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى