«يېڭى يىل»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى دەل قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلدى، قابا ناھىيەسى «جۇڭگودىكى بىرىنچى ئاق قېيىنلىق» مەنزىرە رايونىدا، ئاق قېيىننىڭ كۈل رەڭ شاخلىرى ئاپئاق قار ئارىسىدا خۇددى بىر پارچە سىياھ رەسىمدەك ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىرىپ، نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى بۇ جايغا كېلىپ سۈرەتكە تارتىپ، داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنى پائال زورايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات باشلامچى كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، بۇ ناھىيەنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كىچىككىنە جىغاننى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر، بۇ ناھىيەدە مەملىكەت بويىچە تۇتاش تېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ جىغان بازىسى بار. جىغان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، بۇ ناھىيەمۇ «جىغان بازىرى»نى پائال پىلانلاپ قۇرۇپ، غەربىي شىمال ئۆزگىچە ساغلاملىق كۈتۈنۈش يېزا-كەنت ساياھىتىنى بەرپا قىلدى. جىغان ياخشى ئېكولوگىيەلىك، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپلا قالماي، يەنە ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتى.
مەنبە: قابا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى
(ماقالىنى قابا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى جېڭ خۇڭجۈن تەمىنلىگەن)