تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«ئېلېكترونلۇق سودا تېز پويىزى» ئاقسۇچە تەمنى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقاتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر غەيرەت خەۋىرى): «كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! بۇ چامغۇر تالقىنى، چامغۇر قېقى قاتارلىق مەھسۇلاتلار، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى...». 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەلىك ئېلېكترونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش ئۆيىدە، ئاچال بازىرى تۇرا كەنتىدىكى چامغۇر تېرىش ئائىلىسى سەمەت سالام كۇەيشوۋ سۇپىسى ئارقىلىق، فېنسىلىرىغا چامغۇر مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى.

  پەقەت چامغۇر تېرىشنىلا بىلىدىغان دېھقاندىن، بۈگۈنكى كۈندە بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتالايدىغان بولغان سەمەت سالامدىكى ئۆزگىرىش كەلپىن ناھىيەسىنىڭ  ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەنلىكىدىن كەلگەن.

  بۇلتۇر 7-ئايدا، كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، سەمەت سالام دوۋيىن، كۇەيشوۋ، تاۋباۋ قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئۆگىنىپ، ئۆزى تېرىغان چامغۇرنىڭ ھەممىسىنى سېتىپلا قالماستىن، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چامغۇرلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى.

  «ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەشتىن مەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشنى ئۆگىنىۋالدىم، كېيىن مەن تور سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇرتۇمدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى بىرلىكتە ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمەن» دېدى سەمەت سالام.

  تېز سۈرئەتتە گۈللەنگەن يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ئاقسۇچە تەمنى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقاتتى، نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تيەنماۋ، تاۋباۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاقسۇ ئالمىسى، چىلان، ياڭاق قاتارلىق ئۈچ خىل مەھسۇلاتنىڭ توردا سېتىلىش مىقدارى باشتىن-ئاخىر مەملىكەت بويىچە يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئۈلگىلىك ناھىيەلەرنىڭ ئالدىدا تۇردى، ئاقسۇنىڭ تودا سودا قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئاكتىپلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست بويىچە 1-ئورۇنغا، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 6-ئورۇنغا ئۆتتى.

  ھازىرغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر)دىن تۆتى بار بولۇپ، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)دە يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا بېكەت-نۇقتىسىدىن 493ى قۇرۇلغان، كەلپىن ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا بېكەت-نۇقتىسى بويىچە تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ