تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئونسۇ ناھىيەسى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، چارۋىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت: يېقىندا، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئونسۇ ناھىيەسىدە ئۇدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، چارۋىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى، ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار بوراندىن، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قوغداش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، چارۋىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.



  ئىگىلىنىشىچە، ئونسۇ ناھىيەسى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىغا قارىتا بالدۇر پىلان تۈزۈپ، ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكىدە، يېزا-بازارلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئائىلىلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلىش، رادىيو-تېلېۋىزىيە تورىدا مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، دېھقان-چارۋىچىلارغا ھاۋا رايى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا بىلدۈردى ھەمدە قوتاننى باشقۇرۇش، سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئىسسىق ساقلاش، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، چارۋىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

مەنبە: ئونسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر جاۋ شىنچاڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ