تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ توققۇزتارا: قار-مۇز تەنھەرىكەت مەركىزىدە ساياھەتچىلەر قىشلىق ساياھەتنى قىزىتىۋەتتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار يۈەن يې، جاڭ شوۋفاڭ خەۋىرى): بۇ ئىككى كۈندە، گەرچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن توققۇزتارا ناھىيەلىك قار-مۇز تەنھەرىكەت مەركىزىدە، قار تېيىلىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىشتەك قىزغىن مەنزىرە بارلىققا كەلدى، قەھرىتان سوغۇقمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ قار تېيىلىش قىزغىنلىقىنى قىلچە توسۇپ قالالمىدى.

1-ئاينىڭ 3-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەلىك قار-مۇز تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئورنىدا قار تېيىلىش سايمانلىرىنى سېتىۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، قار تېيىلىش مەيدانى ئىچىدىكى خۇشال كۈلكە-چاقچاقلار، ھەر خىل قار تېيىلىش كىيىمى كىيگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تۈرلەرنى تاللاپ، قار تېيىلىش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. ئاھالە ما گويىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنى قار-مۇز تەنھەرىكەت مەركىزىگە ئېلىپ كېلىپ ئوينىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن كۆڭۈل ئېچىپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن بالامنى ئېلىپ كەلدىم، ھەر يىلى كېلىپ قار تېيىلىمەن، بۇ يىل كەلگەندىن كېيىن ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئادەملەرمۇ كۆپ ئىكەن، بۇ يەرنىڭ قار سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، قار تېيىلسا بەك راھەت.

سەي گوشىڭ شەنشىدىن شىنجاڭغا ئوينىغىلى كەلگەن ساياھەتچى بولۇپ، دوستىدىن توققۇزتارانىڭ ئىلىگدايدا بىر ياخشى قار تېيىلىش مەيدانى بارلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرگە كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەردە ياغقان قارنىڭ سۈپىتىنىڭ بىزنىڭ شەنشىنىڭكىدىن ياخشىراق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، چۈنكى بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى، بۇ مېنىڭ قار تېيىلىش تەسىراتىمغا ئۆزگىچە تۇيغۇ قوشتى.

توققۇزتارا ناھىيەسى قار تېيىلىش مەيدانى تىجارىتى جەريانىدا، خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى بوشاشتۇرمىدى. ساياھەتچى شولپان كۇشالقان مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىشىم، بۇ يەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ناھايىتى مۇكەممەل ئىكەن، بىز ئىشىكتىن كىرسەكلا، ماسكا، ساغلاملىق كودى، يۈرۈش كودىنى تەكشۈردى، دېزىنفېكسىيە قىلدى، يەنە بىزگە قار تېيىلغاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى، ماسكا تاقاپ، ئارىلىق ساقلاشنى ئەسكەرتتى، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق.

توققۇزتارا ناھىيەسى مەۋقەنى ئەلا سۈپەتلىك قىشلىق قار-مۇز بايلىقى ۋە مول مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىگە قويۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايراملىق ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، قار-مۇز تەنھەرىكىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش ۋە ئىستىراھەت-سەيلە قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە تاماشا قىلىش، قاتنىشىش ۋە ھېس قىلىش خاراكتېرى يۇغۇرۇلغان قىشلىق ساياھەتنى ھېس قىلدۇردى. 

2020-يىلى، توققۇزتارا ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتى، تۆت پەسىل ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، قىشلىق تەبىئىي مەنزىرە، قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت، كۆپ مەنبەلىك مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىڭ چاقىرىملىق مۇز بىلەن قاپلانغان، كۈمۈش لىباسقا ئورالغان ساياھەت بايلىقىنى ئاساس قىلىپ، بىر قاتار قىشلىق ساياھەت لىنىيەسى ۋە تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، «قار-مۇز» ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. ناھىيە بويىچە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 6 مىليون 135 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %103.29 ئېشىپ، ساياھەت كىرىمى 4 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.21 ئاشتى.

مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ