شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا مەملىكەتنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا كۆرۈلگەن يۇقۇم ۋە قىسمەن توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمغا قارىتا، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرگە ماسلىشىپ خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىش، سەپەر خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىش، كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىنى ئازايتىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتىنى قايتۇرۇش بەلگىلىمىسىنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشىدى: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، يولۇچىلار ۋوگزال، تۆمۈريول 12306 تور بېكىتى (يان تېلفون تېرمىنالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ھەرقايسى يوللاردا 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 24تىن بۇرۇن سېتىۋالغان پويىزنىڭ بېلىتىنى قايتۇرغاندا، بېلەت قايتۇرۇش رەسىمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ، سېتىۋالغان تۆمۈريول يولۇچىلار كۈتۈلمىگەن ھادىسە سۇغۇرتىسى بىرلىكتە بېجىرىلىدۇ. (مۇخبىر فەن شى، جوۋ يۈەن)
جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى ھەقسىز بېلەت قايتۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويدى
مۇھەررىر :
كامىلە ئابلىكىم
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2021/01/07 14:56
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.