تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ 13 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتتى ۋە كەچۈرۈم قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا، پىراكتىكانت ئاراشجاپ پامانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن جەمئىي 13 مىليارد 376 مىليون يۈەننى كېمەيتكەن ۋە كەچۈرۈم قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار %86.6نى ئىگىلىگەن.

بۇلتۇر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش، كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشى، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەردى. 2020 - يىلى 2 - ئايدىن 12 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق قىسمىنى كەچۈرۈم قىلدى؛ 2020 - يىلى 2 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردىن ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق قىسمىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىپ ئالدى. پۈتۈن يىلدا جەمئىي كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 12 مىليارد 471 مىليون يۈەن، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى 402 مىليون يۈەن، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى 503 مىليون يۈەن بولدى.

«بىز ئالاھىدە بېجىرىش، تېز بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئىلتىماس - تەلىپىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۈن جەنشۆ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز، يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئېغىر ئۇچرىغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ 11 مىليارد 584 مىليون يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىپ ۋە كەچۈرۈم قىلىپ، سىياسەتنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش، بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن كارخانىلارغا قارىتا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشنى 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە كېچىكتۈردى، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مەزگىلىدە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى كەچۈرۈم قىلدى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشتا قىيىنچىلىقى بار يەككە سودا - سانائەتچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەق تاپشۇرۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرسە، 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ