ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 2020 - يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇسىدىكى بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلان - ۋەزىپە ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقىدىن 3 مىليون مو كۆپەيتىلىپ، بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ھەقىقىي ياخشى باشلىنىش ئېلىپ كېلىپ، پۈتۈن يىلدا ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىش، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىنغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كۈزگى بۇغداي تېرىقچىلىق ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقى تولۇق قوزغىتىلدى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونىغا ئايرىپ بېرىلگەن 34 مىليون 100 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر مەھكەم ساقلىنىپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش» قەتئىي توسۇلۇپ، «ئاشلىقتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نىڭ ئالدى ئېلىنىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلدى. 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، بۇغداي ئومۇمىي ھوسۇلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 336 مىڭ توننا ئېشىپ، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، قىش كىرىشتىن بۇرۇن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار كۈزگى بۇغداي تېرىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكى، ھوسۇلىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك، يېزا تارماقلىرى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىش تەييارلىق خىزمىتىنى بالدۇر پىلانلاپ، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي كۈزگى بۇغداي تېرىشنى چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلەپ، ئۇرۇقلۇق بۇغداي، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغان.
بۇ يىل، شىمالىي شىنجاڭ رايونى ئاساسىي دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى ئالدى بىلەن بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىشكە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق كۆپەيتىپ ئىشلەپچىقىرىشنى يېتەكچى قىلغان تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى باغۋەنچىلىك بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بۇغداينى ئىمكانقەدەر ئاق يەر ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزغا تېرىپ، پۈتۈن جەرياننى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، ماشىنىلاشتۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ھەم كەسىپ تەرەققىياتىنى يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھازىرقى تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى ئاساسىدا، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل، تۆۋەن باھالىق سۇغۇرتا، سۇ ئىشلىتىش ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم تولۇقلىمىسىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ئالاھىدە سىياسەت ئارقىلىق قوغداش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاشلىق تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر يۈرۈش سىياسەت بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.