تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نىلقا ناھىيەسى: شىنجاڭدىكى تۇنجى سالمون بېلىقى باقمىچىلىق بازىسى BAP ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى

  ئانار بۇلۇت: يېقىندا، شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى يەر شارى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ئىتتىپاقى GAA) BAP)نىڭ گۇۋاھلىقىدىن رەسمىي ئۆتۈپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى BAP ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن سالمون بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندى.

  يەر شارى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ئىتتىپاقى (GAA) يېقىندا، شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى قاراسۇ يېزىسىدىكى باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ رەسمىي BAP گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  2014-يىلى تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزىسىغا ماكانلىشىپ، شۇ جاينىڭ ياخشى ئېكولوگىيە بايلىقى ۋە قەشقەر دەرياسىدىكى قار-مۇز سۈيىگە تايىنىپ، دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان رەڭدار ترۇت بېلىقى باقمىچىلىق ئىشلىرىنى باشلىدى.

  ھازىر پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، بېلىجان يېتىشتۈرۈش، ئەقلىي باقمىچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، سېتىش، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىر گەۋدە قىلىنغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، كارخانا يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى چۆرىدەپ، تېخنىكا يېڭىلاشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ يېشىل تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تېز بەرپا قىلىپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لى چۈنيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۇنيا سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ BAP ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشىش بولسا شىركەتنىڭ باقمىچىلىق مۇھىتى، مەھسۇلات سۈپىتى، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ۋە سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش جەريانىدا، شىركەت BAPنىڭ باشقۇرۇش تەلىپىگە تېخىمۇ قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەھسۇلات ۋە ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى بىخەتەر، ئىشەنچلىك، خاتىرجەم بولغان سالمون بېلىقى مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، دۇنيا سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ئىتتىپاقى (GAA) ئاچقان BAP گۇۋاھلىقى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە مۇكەممەل بولغان ئۈچىنچى تەرەپ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش سىستېمىسىنىڭ بىرى بولۇپ، باقمىچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئەتراپتىكى مۇھىت، باقمىچىلىق خاتىرىسى، سۇ سۈپىتىنى قوغداش، باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردە بىر قەدەر يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قېتىم شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى سالمون بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ BAP گۇۋاھلىقىدىن ئۆتۈشى شىركەت باقمىچىلىقىنىڭ قېلىپلاشقان ھالدا خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە ساغلام يېمەك-ئىچمەكنى تېخىمۇ مول تاللاش بىلەن تەمىنلەپ، ئادەم ياخشى بولۇش، بېلىق ياخشى بولۇش، مۇھىت ياخشى بولۇشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىلقا ناھىيەسى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

مەنبە: نىلقا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئىختىيارىي مۇخبىر شى شۈەي، تيەن چۈنماۋ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ