تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاتناش تارماقلىرى قاتتىق سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋىرى): بۇ ھەپتە شىنجاڭدا تېمپىراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، تۆمۈريول، تاشيول تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ سوغۇق ھاۋاغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

تۆمۈريول تارماقلىرى ناچار ھاۋا رايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا يولغا قويدى، ھەرقايسى سىستېمىلار بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، توك، كۆمۈر توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى زورايتىپ، كۆمۈر قاچىلاشنى نەقلەشتۈرۈش نىسبىتىنى ۋاقتىدا چىڭ تۇتۇپ، كۈندىلىك كۆمۈر قاچىلاشنى 3600 ۋاگوندىن ئاشۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھەرقايسى بېكەتلەر تېيىلىشتىن ساقلىنىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئورنىتىش، تېيىلىشتىن ساقلىنىش سېلىنچىسى ياتقۇزۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئۈرۈمچى، كۈيتۈن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋوگزاللاردىكى ئورۇنلار كېچىلەپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ۋوگزال سۇپىسى، ئاچال، قارلارنى تازىلاشقا تەشكىللەپ، تۆمۈريول غول يوللىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. قۇرۇلۇش تارماقلىرى لىنىيە بويىدىكى رېلىسلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇز تۇتقان، قار باسقان يوللارنى تازىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يول قاتناش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تونېل، كۆۋرۈك، ئۇزۇن يانتۇلۇقلاردا، ئاسانلا مۇز قاتىدىغان خەتەر ۋە ھادىسە كۆپ يۈزبېرىدىغان يول بۆلەكلىرىگە قارىتا يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۈتۈن كۈن باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، رېلىس ئۈسكۈنىلىرى ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت تەرتىپىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتتى. پاراۋۇز-ۋاگون تارماقلىرى پاراۋۇزلارنىڭ قىشتىن ئۆتۈشىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پاراۋۇزلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، تورمۇزلىنىش، پاراۋۇز ئۈستىدىكى ئىزولياتور قاتارلىقلارنى تۈزەپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى. توك ئىشلىرى تارماقلىرى تورغا تۇتاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىدە مۇز تۇتۇشتىن كېلىپ چىققان ئېغىش، قىسىلىپ قېلىش قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىدىن ساقلاندى.

تاشيول قاتناش-ترانسپورت تارماقلىرى كۆپ ئورۇندا قار تازىلاش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلىدى، قار ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، دەرھال خەتەردىن قۇتقۇزۇش، قار تازىلاش خادىملىرى ۋە ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، تېز سۈرئەتتە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قار تازىلاپ، تاشيولنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھەمدە تاشيول ئايلانما يولى، تىك داۋان قاتارلىق ئاسان مۇز تۇتىدىغان، ئاسان ھادىسە يۈز بېرىدىغان ۋە قار ئېغىر دەرىجىدە يول يۈرۈشنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغان نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ