ئانار بۇلۇت خەۋىرى: كېلەر ھەپتە، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئاۋۋال تۆۋەنلەپ، ئاندىن ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدۇ، 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃22-قا تۆۋەنلەيدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىمۇ ℃17- ئەتراپىدا بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ئۇدا بىر قەدەر تۆۋەن ھالەتنى ساقلايدۇ. چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تېمپېراتۇرا سەل ئۆرلەپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20- ئىچىدە بولىدۇ.
ھاۋا رايى تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۈگۈن، ئەتە ئىككى كۈنلۈك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن، چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا ئۆرلەشكە باشلاپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20- ئىچىدە بولىدىكەن.
بۇ ھەپتە پۈتۈن شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە قار ياغمايدىكەن، 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن تاغلىق رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەيدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، سەپەرگە چىققاندا قېلىنراق كىيىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
(مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى)