تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قىش كۈنلىرىدىكى باغراش كۆلى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

  ئانار بۇلۇت: 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىر باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا، ساياھەت قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى، مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى كۆپ خىل شەكىلدىكى قىشلىق ساياھەت تۈرلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغانلىقىنى كۆردى.

  باغراش ناھىيەسى ئۇلان جېكىسىن يېزىسى ئوتۇ ئارال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دوئېرجاپ باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئون يىل بولدى، ھەر يىلى ئۆزى باققان ئات ۋە تۆگىلەرنى مەنزىرە رايونىغا ئېلىپ كېلىپ ساياھەتچىلەرگە ئىجارىگە بېرەتتى، بۈگۈن ئۇ ئۈچ تۆگە ۋە سەككىز ئات ئېلىپ كەلدى، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

  باغراش كۆلىدە كەڭ كەتكەن مۇز بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر مۇز ئۈستىدە مېڭىش، مۇز تېيىلىش، كادىڭ ئاپتوموبىلى، مۇز تېيىلىش پەلەمپىيى، ئات سۆرەيدىغان چانا، سوقۇلما ماشىنا ۋە قىزىقارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئەڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش «چوڭ بازىرى»نى بەرپا قىلدى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ھەم قىش پەسلىدىكى باغراش كۆلىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانسا، ھەم جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چەكسىز خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلىنىڭ دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىستېمال كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقى قىلىپ، «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش»، «يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەلئارا مەدەنىيىتىنى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتى»نىڭ مەدەنىيەت نام كارتىسىنى ياڭرىتىپ، باغراش ساياھەتچىلىكىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

مەنبە: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى،جاڭ بوۋېي، نيۇ يۈمىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ