سەككىز كوللېكتىپ، سەككىز شەخس پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدە قوش ئىلغار بولۇپ باھالاندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1-ئاينىڭ 2-كۈنى خەۋىرى، ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بېيجىڭدا تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى ئائىلە، مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەپ، 2020-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭدىن 42 ئائىلە (بىڭتۇەندىكى 17 ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى ئائىلە شەرىپىگە، سەككىز ئورۇن (بىڭتۇەندىكى ئۈچ ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ شەرىپىگە ئېرىشتى، سەككىز شەخس (بىڭتۇەندىكى ئۈچ كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەملىكەت بويىچە ئائىلە خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس دېگەن نامغا، 43 ئائىلە (بىڭتۇەندىكى 17 ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە دېگەن نامغا ئېرىشتى.
مەملىكەت بويىچە بەشتە ياخشى ئائىلە شەرىپىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىچىدە نۇرسىمانگۈل روزى ئائىلىسى بار. 2005-يىلى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، نۇرسىمانگۈل ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-نومۇرلۇق تىك قۇدۇق پەرزەنتلەر مەكتىپى(ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 87-ئوتتۇرا مەكتەپ)دىكى بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن يېرىم يولدا ئوقۇشتىن توختاپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئېرى بىلەن ئائىلىسىدىكى يىغىپ قويغان پۇلىنى ئېلىپ، سەككىز نامرات ئوقۇغۇچىغا ئۈن-تىنسىز ياردەم قىلىدۇ. نۇرسىمانگۈل دائىم بالىلارغا تۇرمۇش، ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بېرىدۇ. ھەر قېتىمقى ھېيت-بايرامدا ئۇ سوۋغات ئېلىپ بالىلارنى يوقلايدۇ، ئۇ ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «گۈل ئانا» دەپ ئاتىشىدۇ.
مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە شەرىپىگە ئېرىشكەن دا يەنپىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى، 1992-يىلى بىر قىز بوۋاقنى بېقىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئاشې دەپ ئىسىم قويىدۇ. بەختكە قارشى، ئاشې تۆت ئايدىن ئاشقاندا، تۇغما ئېغىر دەرىجىدىكى مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ، دا يەنپىڭ ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئۇنىڭدىن ئايرىلماي، ۋاز كەچمەي، كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى، ئۇلار شەخسىيەتسىز مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىلىق ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى نامايان قىلدى.
«بۇ شەرەپكە ئېرىشىپ، مەن يەنىمۇ ئىلھاملاندىم» دېدى نۇرسىمانگۈل روزى ھاياجانلانغان ھالدا، «مەن بۇ شەرەپنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلەمنى ياخشى گۈللەندۈرۈپ، ئائىلە تەربىيەسىنى ياخشى ساقلاپ، ئائىلە ئىستىلىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىمەن».