تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاغدىن پارنىك ئارقىلىق بېيىش ماھىرى چىقتى

− ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى مەمەتغوجى شىرئەلى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

«پارنىكنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئالدى بىلەن بىر پارنىكقا چىڭسەي تېرىپ سىناپ باقىمەن، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە قوغۇن تېرىشقا تەييارلىق قىلىمەن.» 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئەمدىلا ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئاقتۇ ناھىيەسى كوئېنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى مەمەتغوجى شىرئەلى پارنىكتا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

مەمەتغوجى ھازىر كوئېنلۇن جيايۈەندىكى داڭلىق پارنىك كۆكتاتچىسى. لېكىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان قىزىلتو يېزىسىنىڭ غىجەك كەنتىدە تۇراتتى، يازدا قوي باقاتتى، قىشتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، تۇرمۇشى نامرات ئىدى.

مەمەتغوجى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا دائىر نۇرغۇن ھېكايىنى ئاڭلىغان بولۇپ، بېيىش ئويى كۈچلۈك ئىدى. 2017 - يىلى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە تەشكىللىگەندە، مەمەتغوجى بىلەن خوتۇنى قىلچە ئىككىلەنمەي تىزىملاتتى.

ئۇ بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق بولۇپ، چىقىمنى چىقىرىۋەتكەندە، مەمەتغوجى بىلەن خوتۇنى 43 مىڭ يۈەن پۇل تاپقانىدى. توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، كىچىك بالىسىنى سېغىنغاچقا، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن فۇجيەندە داۋاملىق قالمىدى.

يۇرتىغا قايتىپ كېلىپلا مەمەتغوجى بىر خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى، ئۇ تۇرۇشلۇق غىجەك كەنتى تاغدىن كۆچۈرۈلمەكچى ئىدى، ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئازادە، يورۇق ئۆيلەر، ئىقتىدارى تولۇق ئولتۇراق رايون ئىدى.

مەمەتغوجىنىڭ يېڭى ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ئاشۇ دەقىقىدە قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقى ھېلىھەم ئېسىدە. سۇ، توك، پار تولۇق، ئاشخانىدا ئوچاق، ھاجەتخانىدا تەرەت تۇڭى بار بولۇپ، بۇ، ئۇلار ئارزۇ قىلغان ئۆي ئىدى! بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قولايلاشتى، كېسەل كۆرسىتىش، مال سېتىۋېلىشمۇ قولايلاشتى. «ھۆكۈمەت يەنە كۆچۈرۈلگەن ھەربىر ئائىلىگە بىردىن زامانىۋى پارنىك تەقسىملەپ بېرىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى. لېكىن مېنىڭ ئەينى چاغدا تېرىقچىلىقتىن ئازراقمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى» دېدى مەمەتغوجى ئەسلەپ.

بۇ ئەندىشىلەر ناھايىتى تېزلا يوقالدى. ئولتۇراق رايون پارنىك تېرىقچىلىقى تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى تەشكىللەپ، كۆپچىلىككە پارنىك پەرۋىش قىلىش، تۇپراق يېتىشتۈرۈش، كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قولمۇقول ئۆگەتتى. مەمەتغوجى تېرىقچىلىققا بارغانسېرى قىزىقىپ قالدى، ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېرىقچىلىق تەجرىبىسى بار دېھقانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ پارنىكىغا بېرىپ ئۆگەندى.

سىناش ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا، تۇنجى قېتىم تېرىغان پارنىك جاڭدۇسى ھوسۇل بەردى، گەرچە ئەڭ ياخشى سېتىش پەسلىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ، يەنىلا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. بۇ مەمەتغوجىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇردى، ئۇ مەھەللىدىن تېخىمۇ كۆپ پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىككىنچى يىلى ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن تۆت پارنىكقا تايىنىپ يىللىق كىرىمىنى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇپ، نامراتلىق بىلەن خوشلاشتى.

مەمەتغوجى مۇنداق دېدى: تېرىغان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى مۇۋاپىق پەيتتە ساتىمەن، شۇڭا باھاسى بىرقەدەر يۇقىرى. «ھەر يىلى 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، ھەرقايسى جايلاردا كۆكتاتلار كۆپلەپ بازارغا سېلىنىدۇ، مەن ئۇ چاغدا تېرىمايمەن، ئەمما بىكار تۇرمايمەن، ئوغۇت يىغىپ، يەرنى قۇۋۋەتلەپ، پارنىكلارنى رەتلەيمەن، يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ھاۋامۇ سوۋۇيدۇ، ئاندىن داۋاملىق تېرىيمەن».

ئۆگىنىشكە ماھىر مەمەتغوجى ئولتۇراق رايوندىكى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ دائىملىق قاتناشقۇچىسى بولۇپ، نەزەرىيە بىلىملىرى بىلەن ئەمەلىي مەشغۇلات ئۈزلۈكسىز يۇغۇرۇلۇپ ئۇنىڭ تېرىقچىلىق تەجرىبىسى بارغانسېرى بېيىپ، شۇ جايدىكى دېھقان تېخنىكقا ئايلاندى. ۋاقتى چىقسىلا مەمەتغوجى تېرىقچىلىق قىلىدىغان، تەجرىبىسى كەمچىل دېھقانلارغا ھەقسىز ياردەم بېرىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ھازىر مەمەتغوجى ئائىلىسىنىڭ پارنىكى يەتتىگە كۆپەيدى، ئۇ يېڭى سورتلارنى تېرىپ سىناپ بېقىشنى ئويلىدى. ئۇ كېلەر يىلى 2 - ئايدىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئازراق چىڭسەي تېرىشنى، ئاندىن يەنە تۆت پارنىكقا قوغۇن تېرىشنى پىلانلىدى، بۇنداق بولغاندا 4 - ئايدىلا چىلگە ساتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە بىر پارنىكقا جۇسەي تېرىشنى پىلانلىدى. مەمەتغوجى مۇنداق دېدى: تېرىلىدىغان سورتلارنى كۆپەيتىپ تېخىمۇ كۆپ بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىلا، ئاندىن كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

دادىللىق بىلەن سىناش ئارقىلىق مەمەتغوجى ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. «بۇلتۇر ئۆيۈمنى قايتىدىن بېزىدىم، ھازىر ئۆيۈمدە تېلېۋىزور، راھەت سافا ۋە چىرايلىق ئۈستەل بار، بالىلارنىڭ ئۆيىگە بىر كىتاب ئۈستىلى ياساتتىم، پات ئارىدا كومپيۇتېرمۇ بار بولىدۇ.» كېيىنكى يىللىق پىلان تىلغا ئېلىنسا، مەمەتغوجى ئۈمىدكە تولىدۇ: «بىز كۆكتاتلارنى قەشقەر بازىرىغا ئاپىرىپ ساتىمىز، كىرىمىمىز يامان ئەمەس، لېكىن بېرىپ - كېلىشتە ئاپتوموبىل كۆتۈرە ئالىمىز. كېلەر يىلى يازدا ۋاقىت چىقىرىپ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن، شۇنىڭدا ئاپتوموبىل سېتىۋالالايمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈم ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىپ كۆكتات ساتىمەن، ئارام ئالغان ۋاقىتلاردا يەنە ئاپتوموبىل ھەيدەپ بالىلارنى ئەتراپتا ئوينىتىپ كېلىمەن...»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ