تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى 58 كەنت دەرىجىلىك داۋالاش ئۆيى قۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق كاپالىتى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى

  ئانار بۇلۇت: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى جەمئىي 5 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 58 كەنت دەرىجىلىك داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق سەھىيە كاپالىتى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدى.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال بازىرى ئالماباغ كەنتىدىكى ئۆلچەملەشكەن كەنت داۋالاش ئۆيى 2017-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، تۈرلۈك داۋالاش ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. بۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىسى يۈ جياچۈەن بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ئۇ دائىم كەنت داۋالاش ئۆيىگە كېلىپ كېسەل كۆرسىتەتتى، كەنت دوختۇرلىرى ھەر قېتىم ئۇنىڭ قان بېسىمىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆلچەپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان دورا يېزىپ بېرەتتى، كەنت داۋالاش ئۆيى تىلغان ئېلىنسا، ئۇ توختىماي ماختاپ كېتەتتى.

  ۋاڭ ئەيلەن يەتتە ئارال بازىرى ئالماباغ كەنتىنىڭ كەنت دوختۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ كەنت دوختۇرى بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئۇ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى داۋالاش-سەھىيە ئىشلىرى ۋە كەنت دەرىجىلىك سەھىيە ئۆيىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كەنت دوختۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن، دۆلەت مۇشۇنداق ياخشى ئەسلىھەلەرنى، مۇشۇنداق ياخشى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى بەردى، شۇڭا كۆپچىلىككە چوقۇم ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن».

  بۇ يىل، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كەنت دەرىجىلىك داۋالاش ئۆيىدىن 16نى قۇردى ھەم پۈتۈن ناھىيەدىكى 58 كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قۇردى، كەنت داۋالاش ئۆيىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %100كە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر بىر كەنت داۋالاش ئۆيىگە بىردىن دوختۇر سەپلىنىپ، ناھىيە (يېزا، كەنت)دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق سەھىيە كاپالەت سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

مەنبە: بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى،: مەلىك، ۋاڭ جىڭرۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ