تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتىلگە قويۇپ بېرىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسى بېكىتىلگەن.
باشلانغۇچ مەكتەپلەر 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تەتىلگە قويۇپ بېرىدۇ، 2-ئاينىڭ 26-، 27-كۈنلىرى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوقۇش باشلايدۇ.
تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تەتىلگە قويۇپ بېرىدۇ، 2-ئاينىڭ 20-، 21-كۈنلىرى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئوقۇش باشلايدۇ.
شەھەرگە قاراشلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ۋاقتى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەسكەرتتى. ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لۇق مائارىپ ئىدارىلىرى، ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئالاقىدار تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىللىك تاپشۇرۇق مىقدارىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت، ئائىلە ئەمگىكى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى؛ قاتلام ۋە تۈرلەر بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، داۋاملىق تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش، تەرتىپكە سېلىش، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى دەرسلەرنى تەييارلىشىغا ۋاقىت بېرىشى كېرەك. قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ مەكتەپكە قايتىش پائالىيىتىگە تەشكىللىمەيدۇ.