شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قىزىلگۈل تېرىلغۇ كۆلىمى 65 مىڭ موغا يېقىنلىشىپ، يېتىشتۈرۈش، تېرىش، ئۈزۈش، سېتىۋېلىشتىن پىششىقلاش ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى 12 مىڭ ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. سۈرەتتە، دېھقانلار خوتەن شەھىرىدىكى ئىلچى ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا سېتىش ئالدىدا تۇرغان قىزىلگۈللەرنى دەرىجىگە ئايرىماقتا (5-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
بۇ يىل، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ سەبدەگۈل تېرىلغۇ كۆلىمى 130 مىڭ موغا يېتىپ، 80 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. سۈرەتتە، يەكەن ناھىيەسى پەكىچى يېزىسى ساتماقۇم كەنتىدىكى دېھقانلار سەبدەگۈل ئۈزمەكتە (7-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
شىنجاڭ ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى دائىرىسىنى كېڭەيتتى، شىنجاڭدا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى سىجىل ئېشىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سۈرەتتە، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سېستراسى ئايجامال مەمەت ئاغرىقنى دوختۇرخانا ھويلىسىغا ئېلىپ چىقتى (5-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
لوپ ناھىيەسى ناۋا يېزىسى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 35 مو بولۇپ، ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيىدىن تۆتى قۇرۇلغان. نۆۋەتتە، 145 كەنت ئاھالىسى بۇ يەردە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. سۈرەتتە، بىر ئىشچى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۆزى تىككەن ئاياغنى كۆرسەتمەكتە (4-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان). مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى يارىتىپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە نامرات ئاھالىلەرنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. سۈرەتتە، خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى غەجەك كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىشتىن چۈشۈپ زاۋۇتتىن چىقماقتا (6-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى
نانچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قاپلىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن سېتىش، زەنجىرسىمان دۇكان، تور سودا شەھەرچىسى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سېتىش يوللىرى ئېچىلدى. سۈرەتتە، ئىشچىلارنىڭ ئاتۇش شەھىرى نان كەسىپلەر باغچىسىدا ياغقان نان مەھسۇلاتلىرى (12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
قاغىلىق ناھىيەسىدىكى تاغلىق رايوندىن باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن 6750 ئائىلىلىك 29 مىڭ 688 كىشى يېڭى ئۆيىگە خۇشال-خۇرام كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، چوڭ قەدەم بىلەن بېيىش يولىغا ئاتلاندى. سۈرەتتە، بۇ ناھىيەنىڭ ئاقتاش بازىرىدىكى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى (6- ئاينىڭ 21- كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى