تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى بايرامدىن بۇرۇنقى بازار تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى ياراتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): 2021-يىلى يېڭى يىل، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بايرام مەزگىلىدىكى بازارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئادىل رىقابەتلىشىدىغا بازار مۇھىتىنى قوغداش، بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بايرامدىن بۇرۇنقى بازارنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر، تەشكىللىك قانات يايدۇردى.

  12-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىر كەررېفور تاللا بازىرى نەنخۇ دۇكىنىدا، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپ بولۇپ، جىچېڭ، مايمۇن شاپتۇلى، ئالما قاتارلىق مېۋىلەردە سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى كۆردى. «بايرامدىن بۇرۇن بىز گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، تۇخۇم قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىستېمال بۇيۇملىرىنى زور مىقداردا تەييارلىدۇق، مال كىرگۈزۈش يوللىرىنى قاتتىق ئىگىلەپ، تەكشۈرۈش ئىسپاتى يوق يېڭى خام مەھسۇلاتلارنى سېتىش مەيدانىغا قەتئىي كىرگۈزمىدۇق» دېدى كەررېفور تاللا بازىرى نەنخۇ دۇكىنى يېڭى خام مەھسۇلاتلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ ۋېي.

12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا خادىملىرى كەررېفور تاللا بازىرى نەنخۇ دۇكىنىدا گۈرۈچ خالتىسىنىڭ ماركا بەلگىسىنى تەكشۈرمەكتە.

  شۇ كۈنى، كەررېفور تاللا بازىرى نەنخۇ دۇكىنى ۋە دوستلۇق شياڭشېڭخو تاللا بازىرىدا، قانۇن ئىجرا خادىملىرى گۈرۈچ، كالا-قوي گۆشى، كۆكتات، ئاق ھاراق، ئىچىملىك قاتارلىق تاۋارلارنىڭ مال كىرگۈزۈش تىزىملىك دەپتىرى، گۇۋاھلىق ئېلىش، تالون ئېلىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى