تىيانشان تورى خەۋىرى: قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدىن كېيىن، شىنجاڭدىكى باغراش كۆلىنى پۈتۈنلەي مۇز تۇتۇپ كۆل قامال قىلىندى، كۆل ئەتراپىدىكى ھەرقايسى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ساياھەت پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى. 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا «شىخەي قار-مۇز ساياھىتى. شادلىققا تولغان باغراش سەپىرى» باش تېما قىلىنغان قىشلىق قار ـ مۇز ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى يىل كۈتۈۋېلىندى. ئىگىلىنىشىچە، 2020 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 2021 ـ يىلى يۈەنشياۋ بايرىمى مەزگىلىگىچە، باغراش ناھىيەسى بىر قاتار قىشلىق مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە «شىخەي لۇڭجۈ» ئات سۆرەيدىغان چانا، خاس تائاملار بايرىمى قاتارلىق مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىكەن. چۆ. خۇرە
شىنجاڭ باغراش كۆلى: كۆلدە مۇز تۇتۇپ قامال قىلىندى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى
مۇھەررىر :
ساباھەت رەخىم
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/12/31 13:51
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.