تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 ئۇلار بىر-بىرىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ دېڭليەن خەۋىرى): قازان بېشىنى چۆرىدەپ تاماق ئېتىش، تۇغقانلىرىغا ياردەملىشىپ بالىلارنى يېتەكلەش، بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىش... ، شىخەنزە شەھىرىنىڭ دۇڭچېڭ كوچا باشقارمىسى شەندەنخۇ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە ما شىيې بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، جاڭ مېييىڭنىڭ تۇرمۇشى رەڭدارلىققا تولدى.

ما شىيې بىر خۇيزۇ ئائىلە ئايالى بولۇپ، ھەر كۈنى ئاساسلىقى سىرتتا خىزمەت قىلىدىغان ئېرى ۋە ئائىلىسىدىكى ئىككى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلىرىنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىغا مەسئۇل. جاڭ مېييىڭ شىنجاڭ تيەنفۇ گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شيايېدى تارماق رايونى ئېنېرگىيە كەسپى پاۋتەي بازىرى تارماق شىركىتىنىڭ پارتىيەلىك كادىرى. ئۇلار ئەسلىدە تونۇشمايتتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى سەۋەبلىك، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپ قالدى.

«تۇغقانلار دائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرىدۇ، ئاچا-سىڭىللار پاراڭلاشقانسېرى يېقىنلىشىدۇ». بۇ سۆزنى جاڭ مېييىڭ بىلەن ما شىيېگە ئىشلەتسە، ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدۇ. جاڭ مېييىڭنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، ئۇ ما شىيې بىلەن ئەمدىلا تۇغقانلاشقان چاغدا، خىزمەت، تۇرمۇش، ياش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرق تۈپەيلىدىن، ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە قورۇنۇپ قالاتتى. جاڭ مېييىڭنىڭ كۆپ يىللىق پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسى بار بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھالىتىنى ناھايىتى تېزلا تەڭشەپ، ما شىيېنىڭ تۇرمۇشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلىدى، يەنە دائىم ما شىيېگە تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ھەر قېتىم ما شىيېنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىۋالاتتى. ئاستا-ئاستا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق تىل بارغانسېرى كۆپەيدى، باردى-كەلدى بارغانسېرى قويۇقلاشتى.

ما شىيېنىڭ ئۆيىدە تۇرغان چاغدا، جاڭ مېييىڭ ما شىيې بىلەن ئاشپەزلىك ھۈنىرى، ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش توغرىسىدا پىكىرلەشكەندىن باشقا، يەنە ما شىيېنىڭ ئىككى بالىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەرس تەكرار قىلىپ بەردى. ما شىيېنىڭ ئىككى بالىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر قېتىم جاڭ ھەدىنىڭ ئۆيگە كېلىشى ئۇلارنىڭ ئەڭ خۇشال چاغلىرى ئىدى. ئۇ نەچچە كۈندە، ئۆي ئاۋاتلىشىپلا قالماي، يەنە مۇلايىم، يېقىملىق بىر «ئوقۇتقۇچى ھەدە» سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا دەرس تولۇقلاپ بېرەتتى.

ھەر قېتىم ئايرىلىدىغان چاغدا، ئىككى بالا ھەمىشە كۆزى قىيمىغان ھالدا: «جاڭ ھەدە، سىز قاچانلىققا يەنە ئۆيىمىزگە كېلىپ بىزگە دەرس تەكرار قىلىپ بېرىسىز؟» دەيتتى.

ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جاڭ مېييىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئارقىلىق، ما شىيې ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چوڭقۇر مۇھەببەت ئورناتتى، ئىككى تەرەپمۇ بىر-بىرىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ