تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

توختىنىياز سايىم: جىغانلىقتا بىر توپ «بېيىش ئۆردىكى» بېقىش

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى لىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خې): «جۇڭ شۇجى، بۇ يىل تاردونا ئۆردىكىدىن ياخشى كىرىم قىلدىم، كېلەر يىلى كۆلەمنى كېڭەيتىپ، 5000نى باقسام، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن، كېيىن يەنە سىزنى تاردونا ئۆردىكى چۈجىسى ئالاقىلىشىپ بېرىشكە ئاۋارە قىلىمەن».

  «چاتاق يوق، بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭ».

  12-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى يۇقارقى يامانسۇ كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىشخانىسىدا، 30 ياشلىق كەنت ئاھالىسى توختىنىياز سايىم خۇشال ھالدا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇڭ خەيجۈنگە بۇ يىللىق باقمىچىلىق كىرىمى ۋە كېلەر يىللىق پىلانىنى سۆزلەپ بەردى.

  توختىنىياز ئىلگىرى ئاقسۇ شەھىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، ئاتا-ئانىسى 70 ياشتىن ئاشقان بولغاچقا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كېلەتتى، شۇڭا ئۇ كەنتكە قايتىپ دېھقانچىلىق قىلدى. توختىنىياز ئائىلىسىنىڭ 20 نەچچە مو قوناقلىقى بار بولۇپ، بىر يىلدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلاتتى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جۇڭ خەيجۈن كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقارقى يامانسۇ كەنتىنىڭ توشقان دەرياسىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى، تەۋەلىكىگە زور مىقداردا ياۋا جىغان تارقالغانلىقىدەك تەبىئىي ئەۋزەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس تاردونا ئۆردىكى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغان. تاردونا ئۆردىكى جىغانلىقتا تارقاق بېقىلىدۇ، چۈشۈپ قالغان جىغان مېۋىسى ۋە قۇرت يېگەندە، گۆش سۈپىتى ئۆسۈپلا قالماي، چىقىرىندىلىرىمۇ جىغانلىقنىڭ تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. توختىنىياز كىرىمىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، تىزىمغا ئالدۇردى.

  كۆپ تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، 6-ئايدا توختىنىياز چېڭدۇدىن تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا بەش كۈن بولغان 2000 تاردونا ئۆردىكى چۈجىسىنى ھاۋادىن توشۇدى.

  «تاردونا ئۆردىكى بىر قەدەر كىچىك، سۇغا چۈشۈرگىلى بولمايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېپىق قوتاندا توپتوغرا بىر ئاي باقتىم» توختىنىيازنىڭ ئېيتىشىچە، كۈندۈزى ئۇ ئۆردەك چۈجىسىگە ئوزۇقلۇق تالقىنى بەرگەن، 20 سۇ ئوقۇرىدىكى سۇنى ئەزەلدىن ئۈزۈپ قويمىغان، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، كەچتە ئۇ مەشكە ئوت قالاپ، قوتاننى ئىسسىتقان، ئارىدا ئۆردەك چۈجىلىرىگە ئىككى قېتىم ۋاكسىنا سالدۇرغان. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، بىر ئايدىن كېيىن، ئۆردەك چۈجىلىرىنىڭ ھەممىسى سۇغا چۈشەلەيدىغان بولغان.

  توختىنىياز كۈندۈزى ئۆردەكلەرنى كەنت سىرتىدىكى توشقان دەرياسى سۇلۇق يېرىگە ھەيدەپ بېرىپ باقتى، ئۆردەكلەر سۇدا ئۈزۈپ، چۈشۈپ قالغان جىغان مېۋىسى ۋە قۇرتلارنى يېدى. ئۇ ئېتىزغا بېرىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ، ھەر ئىككىسىگە دەخلى يەتكۈزمىدى.

  تاردونا ئۆردىكى باقمىچىلىقى ئوڭۇشلۇق بولمىدى. توختىنىياز مۇنداق دېدى: «بىر كۈنى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، سۇلۇق يەرگە ئۆردەكلەرنى كۆرگىلى بارغىنىمدا، بىر تۈلكىنىڭ ئۆردەكنى چىشلەپ قاچقىنىغا ئۇچراپ قالدىم، ئارقىدىن قوغلاپ يېتىشەلمىدىم، كەچتە ئۆيگە قايتىپ ساناپ باقسام، 60 نەچچە ئۆردەك يۈتۈپ كېتىپتۇ».

  شۇنىڭدىن كېيىن، توختىنىياز ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىپ، ئېتىزدىكى ئىشلارنى تۈگىتىپلا سۇلۇق يەرگە بېرىپ تاردونا ئۆردەكلىرىنى كۆرىدىغان، كەچتە بىرمۇبىر ساناپ چىقىدىغان بولدى.

  تۆت ئاي ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، قېپ قالغان 1600 ئۆردەكنىڭ ھەممىسى ساغلام يېتىلدى، ئەڭ ئېغىرى ئۈچ كىلوگرامغا يەتتى. كۆپ تەرەپتىن سېتىش يولىنى ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، توختىنىياز باققان تاردونا ئۆردىكىدىن 48 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى.

  توختىنىيازنىڭ كۆپ پۇل تاپقانلىق خەۋىرى كەنتتە تارقالغاندىن كېيىن، يۇرتداشلار بەس-بەستە باش بارمىقىنى چىقىرىپ، ئۇنى بېيىش ماھىرى دەپ ئاتاشتى.

  جۇڭ خەيجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «توختىنىيازنىڭ ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، دادىل ئىشلەپ، دادىل بۆسۈش روھى كەنتتە ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رول ئوينىدى».

  توختىنىياز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئەۋەتىلگەن كادىرلار بىزنى بېيىشقا يېتەكلىدى، ئۆزىمىزمۇ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. كېلەر يىلى باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپىمەن». ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە يۇرتداشلارنى بىرلىكتە خاس باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپچىلىكنى بېيىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ