تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مېي): 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭنىڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش يىغىنىنىڭ 2020-يىللىق دوكلات يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قىسمەن كۈل رەڭ تۇرنىلار جەنۇبقا كۆچمەي، شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەرلەردە قىشنى ئۆتكۈزگەن.
شىنجاڭ قۇش تاماشا قىلىش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى گۇ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەملىكەتلىك قىشلىق تۇرنا بايلىقىنى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈشنى قوللاش ئۈچۈن، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، شىنجاڭ ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش جەمئىيىتى، شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتى ھەرقايسى جايلاردىكى نوپۇزلۇق قۇشلارنى تاماشا قىلغۇچىلار ۋە پىدائىيلارنى تەشكىللەپ ۋە قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭدىكى تۇرنا تۈرىدىكىلەرنىڭ تارقىلىشى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن باي ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق سەككىز جايدا «2020-يىللىق شىنجاڭنىڭ قىشلىق تۇرنا تۈر بايلىقىنى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر كۈل رەڭ تۇرنىنىڭ قىشلايدىغان يېرى شىنجاڭدا ئەمەس، ئۇلار پەقەت كۈز پەسلىدە جەنۇبقا كۆچكەندە شىنجاڭدىن ئۆتىدۇ، دەپ قارايتتى. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە قۇش ھەۋەسكارلىرى باي ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى ۋە كېرىيە ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ئۇدا كۆپ يىل كۈل رەڭ تۇرنىنىڭ قىشتىن ئۆتۈش ھادىسىسىنى بايقىدى.
(سۈرەتلەرنى شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتى تەمىنلىگەن)