بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لى خەۋىرى): قىشتىكى ئوتلاقلار قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ، يازدىكى ھاياتىي كۈچى قالمىغانىدى، بىراق 10-شىنىڭ 182-تۇەنىدىكى ھەربىر باقمىچىلىق قوتىنىدا كالىلار بىخارامان يەم يەپ، ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى.
«بۇ يىل ئەتىيازدا مەن 15 كالا سېتىۋالدىم، كېلەر يىلى بۇ كالىلىرىم موزايلايدۇ، ئىشىنىمەنكى ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار قار پومزىكى دومىلىغانسېرى يوغىنىغاندەك تېز چوڭلايدۇ». سۆزلەۋاتقىنى 182-تۇەن 4-ليەننىڭ خىزمەتچىسى جىن يۇڭبىڭ ئىدى.
باقمىچىلىق تىلغا ئېلىنغاندا، جىن يۇڭبىڭنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا كەتتى. ئىلگىرى ئۇ يىلمۇيىل تېرىقچىلىقلا قىلاتتى، كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئاستا ئىدى، ئويلاشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان جىن يۇڭبىڭ كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىپ، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى.
«بۇ ئىككى يىلدا چاڭدىكى باقمىچىلىق بارغانسېرى ياخشىلاندى، تېخىمۇ كۆپ ئىشچى-خىزمەتچى <ئىككى پۇتتا مېڭىش>قا باشلىدى، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە كۆپ مەنبەلىك كىرىم قىلىدىغان بۇ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسى بىزگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ» دېدى جىن يۇڭبىڭ.
2016-يىلى، 182-تۇەن پارتىيە كومىتېتى «باقمىچىلىق كوللېكتىپى قۇرۇش» تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىغا كىرىمنى ئاشۇرۇش كىلاپانى ئېچىپ بەردى. تۆت يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بۇ تۇەننىڭ باقمىچىلىق تەرەققىياتىدا زاپاس كۈچ يېتەرلىك بولۇپ، ئورمانلىقتا توخۇ، زاڭشياڭجۇ بېقىش قاتارلىق خاس باقمىچىلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق يېڭى ئېقىن سۇ قوشۇپ، تەرەققىياتنىڭ «مۇھىم تۇتقا»سىنى تۇتتى.
يازدا يەر تېرىش، قىشتا كالا بېقىشتەك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى، 4-ليەننىڭ خىزمەتچىسى جاڭ يىبىڭنى خۇشال قىلدى: «مەن بۇ يىل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كالا سېتىپ 200 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، قوتاندا يەنە 40 نەچچە كالا بار، ئائىلىمىزنىڭ يېرى يەم-خەشەك تېرىشقا ئىشلىتىلىپ، تەننەرخى تۆۋەنلىدى، كىرىمىم مۇقىم ئاشتى».
بۇ خىل ئايلانما تەرەققىياتنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئەندىزىسى، جاڭ يىبىڭنىڭ بېيىش ئەڭگۈشتىرىگە ئايلاندى، باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇنى كۆرۈپ، قەلبىدە ساقلاپ، بىر-بىرىگە ئەگىشىپ ئىشلەپ، بەسلىشىپ، بەس-بەستە يەككە يەردىن قۇتۇلۇپ، «تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ ئايلانما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.
يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، 182-تۇەننىڭ قوتاندىكى كالا سانى 600 تۇياقتىن 5500 تۇياققا كۆپىيىپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ باقمىچىلىق ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە ئۆستى.
182-تۇەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىڭ مىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بىز قولايلىق قاتناشتىن پايدىلىنىپ، كالا باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشچى- خىزمەتچىنى < قالتىس> تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».