تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىغا ئايروپىلان قاتنىدى

كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى

قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىغا ئايروپىلان قاتنىدى

12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن كېرىيەگە ئۇچقان تۇنجى نۆۋەتلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 60 نەچچە يىل بۇرۇن، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋجۇشىنى كۆرمەكچى بولغان ھېكايىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ؛ بۈگۈنكى كۈندە، قۇربان تاغىنىڭ يۇرتى كېرىيە ناھىيەسىگە ئايروپىلان قاتنىدى. 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 12لەردە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ UQ2573 نۆۋەتچى ئايروپىلانى كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قوندى، شىنجاڭدىكى 22-پۇقراۋى ئايرودۇرۇم رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

كېرىيە ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدا بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، ئىلگىرى دۆلەت دەرىجىلىك ئېغىر نامرات ناھىيە ئىدى، تېخى قاتنىشى قولايسىز بولغان «يانچۇق تېگى» ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى سىجىل زورايتتى، كېرىيەنىڭ قاتناش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى كېرىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تۇتىشىشىدىكى «بوشلۇق كارىدورى»نى شەكىللەندۈردى.

قۇربان تاغىنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيە مەتسەيدى ھاياجېنىنى باسالمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كېرىيەگە ئايروپىلان قاتنىدى، بېيجىڭغا بېرىشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى. بىز چېگرا ئوغۇل - قىزلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، مەڭگۈ بېيجىڭ بىلەن قەلبداش بولىمىز».

1950-يىلى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى پەيتىدە، رەئىس ماۋ زېدۇڭ «خۇەنشىشا.ليۇ يازى ئەپەندىگە نەزىرە» دېگەن شېئىرىدا خۇشاللىق بىلەن: «يورۇتۇپ ئالەمنى تاڭ ئاتتى خوراز چىللاش بىلەن، بارچە مىللەت چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» دەپ يازغان.

يەر ئىسلاھاتىدا، قۇربان تاغىغا تۇنجى قېتىم ئۆي ۋە يەر تەقسىملەپ بېرىلگەن، ئۇ كۆڭلىدە بېيجىڭغا بېرىپ ماۋجۇشىنى كۆرۈش، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئويلىغان. 1955-يىلى كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن، ئۇ يېڭى ياققان نانلارنى ئېلىپ، ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغان، لېكىن ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن. 1958-يىلى 6-ئايدا، ئۇ ئەمگەك نەمۇنىچىسى سۈپىتى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ، ئاخىر ماۋجۇشىنى كۆرۈش ئارزۇسىغا يەتكەن.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ تەرەققىياتى تېز تەرەققىيات يولىغا كىردى. يۇرتىدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، قۇربان تاغىنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربان نەۋرىسى رۇقىيەگە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، يۇرتىنى قىزغىن سۆيۈش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.

2017-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ توختىخانغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنى پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«ئۇچۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ ياخشى ئۇچىمىز.» خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ جۈنپىڭ مۇنداق دېدى: كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى ئاپتونوم رايوننىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، شۇنداقلا «دۆلەتنىڭ 30 مۇھىم، چوڭ ئايرودۇرۇم تۈرى»نىڭ بىرى. ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلىنىپ، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى، ئەمەلىي ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش قىلىش مۇددىتى 338 كۈن بولۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تارىخىدا تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىدىكى «كېرىيە سۈرئىتى» يارىتىلدى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى غەيرەت يۇنۇس مۇنداق دېدى: ئايرودۇرۇم پۈتۈپ ئايروپىلاننىڭ قاتنىشى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ساياھەتچىلىك ۋە ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، رايون ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

«مومامنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بېيجىڭغا بېرىپ تيەنئەنمېننى كۆرۈش ئىدى. ھازىر، ئايرودۇرۇم پۈتۈپ ئايروپىلان قاتنىدى، مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە مومامنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىمەن» دېدى رۇقىيە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى