تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 5 مىليون 880 مىڭغا يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش چوڭ تەرەققىياتى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئادەم، ئاپتوموبىل، يول قاتارلىق قاتناش مۇھىم ئامىللىرى بويىچە يۇقىرى خانىدا ئېشىش ساقلاندى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 5 مىليون 880 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.28 ئاشتى؛ شوپۇرلارنىڭ سانى 7 مىليون 42 مىڭ 100 ئادەمگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.86 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 1 مىليون 290 مىڭ 700گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.01 ئاشتى؛ شوپۇرلارنىڭ سانى 1 مىليون 297 مىڭ 600 ئادەمگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.21 ئاشتى.

ئىقتىساد، جەمئىيەت تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، خەلق ئاممىسىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان يېڭى تەلىپى ئالدىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مەسىلە يۆنىلىشى، ئەلرايى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى، نومۇر تاختىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، 2018-يىلىدىن بۇيان يەنە بەش تۈركۈمدە 54 تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش بويىچە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى تەدبىرىنى كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا جەمئىي 6 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق نەپ يەتكۈزۈپ، كارخانا، ئامما ئۈچۈن 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى تېجەپ بەردى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 1200دىن ئارتۇق جەمئىيەت مۇلازىمىتى تور نۇقتىسى قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرەلەيدۇ، %95 ناھىيە، شەھەر كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى رويخەتكە ئېلىشنى بېجىرەلەيدۇ، %87.1 ناھىيە، شەھەر كىچىك ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى بويىچە ئومۇمىي پەنلەر ئىمتىھانىنى قانات يايدۇرالايدۇ. 728 مىڭ ئادەم ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا ئاپتوموبىل تەكشۈرتۈپ، ئىمتىھانغا قاتناشتى ۋە كىنىشكىسىنى تولۇقلىدى، ئالماشتۇردى، ئاممىنىڭ باشقا جايدا ئۆگىنىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ئىش قىلىشى، ئىگىلىك تىكلىشى تېخىمۇ قولايلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى