تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ياخشى ئولتۇراقلىشىش، مۇقىم ئولتۇراقلىشىش، بېيىش

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (بىڭتۇن گېزىتىنىڭ 13-شىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاۋ باۋشەن خەۋىرى): «تاماقنىڭ تەمى بولامدىكەن؟ تويدىڭىزمۇ؟ كېلەر قېتىم يەنە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!» 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، 13-شى خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى 9-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى روشەنگۈل تۇردىنىڭ دېھقانلار ئارامگاھىدا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. گەرچە ھەر كۈنى جاپالىق، ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن روشەنگۈل تۇردىنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنەتتى.

خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى 9-ليەنى چاڭ ئىشتابىنىڭ شىمالىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ليەندۈينىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويغانىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى، 13-شى پارتىيە كومىتېتى ھەم خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ توپلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 117 يۈرۈش خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش كاپالەتلىك ئۆيى سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېنىقىش مەيدانى، مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى، داۋالاش ئۆيى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ مائارىپ، داۋالاش ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنى ياخشى ئولتۇراقلىشىش، مۇقىم ئولتۇراقلىشىش، بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى 9-ليەن پارتىيە ياچېيكىسى ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش، دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ليەندۈيدىكى ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

«كېيىنكى قەدەمدە، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، 13-شىنىڭ <ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش> تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، بولۇپمۇ شياگۇڭ مياۋئېرگۇ مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، يېمەك-ئىچمەك ۋە پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىم، سىجىل ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى خۇاڭتيەن دېھقانچىلىق مەيدانى 9-ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ يۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ