ئانار بۇلۇت: 90-يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت سۇڭ سۇڭ چاپچال ناھىيەسى ئايشىن سىرى بازىرى ۋۇجۇ نيۇلۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئەمگەكچان، ئىشچان سۇڭ سۇڭ ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاددىي دېھقاندىن چاپچال ناھىيەسىدىكى سۈيشى ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئېشەك بېقىش مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى.
چاپچال ناھىيەسىدىكى سۈيشى ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 80 مو بولۇپ، ئېشەك باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، 2018-يىلى، دېھقانچىلىق مەيدانى ئۆلچەملەشكەن قوتان قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، ئىككى يىلدىن كۆپرەك تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، ئېشەك سانى 300دىن ھازىرقى 700گە كۆپەيدى.
سۇڭ سۇڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بۇ يەر قاقاسلىق ئىدى، 2018-يىلى دېھقانچىلىق مەيدانىمىز بۇ يەردە قۇرۇلدى، ھازىر ئۆلچەملەشتۈرۈلدى. بىز كېلەر يىلى يەنە بىر مەيدان ئۆي سېلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز، دېھقانچىلىق مەيدانى بۇ يەرگە قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ يەم-خەشەكلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بۇ يەرگە سېتىلدى، كىرىمىمۇ ئاشتى».
«مېنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىمى بولغۇم بار، ھازىر توڭلىتىلغان ئىسپېرما بىلەن ئورۇقلاندۇرۇشنى ئۆگىنىۋاتىمەن، مېنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇم بار، تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى سۇڭ سۇڭ كەلگۈسىگە بولغان زور ئۈمىد بىلەن.
مەنبە: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى