تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

تىرىشىپ كۈرەش قىلغان كۈنلەردە، جاپالىق بەدەل تۆلەپ تاتلىق ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تيەن خاۋنەن خەۋىرى): «بىزنىڭ چىلان پىششىقلاش زاۋۇتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىندى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ، پىششىقلانغاندىن كېيىنكى چىلاننىڭ باھاسى ئوبوروت باھاسىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدۇ». 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، 47-تۇەن 7-ليەننىڭ خىزمەتچىسى جاۋ خۇڭۋېي ئۆزىنىڭ پىششىقلاش زاۋۇتىدىكى چىلانلىرىنى خېرىدارلارنىڭ ئاپتوموبىللار بىلەن ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن، جاۋ خۇڭۋېي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ زاۋۇتتا تۇرۇۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشتى، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى يېتىشمىسە ئۇلار ئۆزى ئاتلىنىپ، يەر تۈزلەش، توك يولىنى ئۆزگەرتىش، ئۈسكۈنە ئورنىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ياردەملىشىپ ئىشلىدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت زاۋۇتنى ئۆز قەرەلىدە يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.

«زاۋۇت بىر كۈن بالدۇر ئېچىلسا، ليەندۈيدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆپ پۇل تاپالايدۇ، شۇڭا چارچىساقمۇ ھېچقىسى يوق» جاۋ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: «ھازىر چىلاننىڭ باھاسىنى پەرەز قىلىش تەس، بىز ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىمىز، باھا ياخشى بولسىلا ھەر ۋاقىت قولدىن چىقىرىشىمىز كېرەك».

1996-يىلى، 28 ياشلىق جاۋ خۇڭۋېي خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ خېنەندىكى يۇرتىدىن 47-تۇەنگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىدى. دەسلەپتە، ئۇ كېۋەز تېرىشنى تاللىغانىدى، ئەمما پەرۋىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، تېرىغان پاختىسىنى ياخشى باھادا ساتالمىدى. «بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر يىل جاپالىق ئالدىراش ئىشلەپ، ئوغۇت، ئادەم كۈچى قاتارلىق تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە پۇل تاپالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرزگە بوغۇلۇپ، تۇرمۇشىمىز قىيىنچىلىقتا قالدى». ئەينى چاغدىكى كەچۈرمىشىنى ئەسلىگىنىدە، جاۋ خۇڭۋېينىڭ كۆز چاناقلىرى نەملەشتى.

2006-يىلى، 47-تۇەننىڭ چىلان كۆچىتى تىكىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، جاۋ خۇڭۋېي خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، 80 مو يەرگە چىلان كۆچىتى تىكتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم چىلان كۆچىتى تىكىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ «كەسىپنىڭ ئەھلى» بولمىغاچقا، چىلاننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىكار قالسىلا ليەندۈيدىكى تېخنىكلارنى ئىزدەپ «تەجرىبە ئۆگەندى»، تېرىقچىلىق ماھىرلىرىنىڭ ئېتىزىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە ئالاقىدار كىتابلارنى ئوقۇدى.

«يىللارچە ئىزدىنىش ئارقىلىق، مەن ئۆستۈرگەن چىلاننىڭ سۈپىتى تەدرىجىي ئۆستى، سېتىلىش باھاسىمۇ يىلدىن-يىلغا ياخشىلاندى، ھەر كىلوگىرامىنى 25 يۈەن ئەتراپىدا ساتقىلى بولىدۇ» دېدى جاۋ خۇڭۋېي.

ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئۇ تەرەققىياتتا بىر ئىزدا توختاپ قالدى. 2013-يىلىدىن باشلاپ، تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەچكە، چىلاننىڭ بازار باھاسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ليەندۈيدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ چىلانلىرىنى ياخشى سېتىش ئۈچۈن، بۆسۈپ كىرىشكە، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلغان جاۋ خۇڭۋېي ئۆزى يالغۇز شىئەنگە بېرىپ، ئۇ يەردىن بىر دۇكان ئىجارە ئېلىپ تۇەن-چاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تېرىغان چىلانلارنى ساتتى. ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، چوڭ-كىچىك ئىشلارنى ئۆزى يالغۇز قىلدى، ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتىپ ئىشلىدى، مول ھوسۇل ئالغان چاغدا تۇەن-چاڭنىڭ چىلىنىنى شىئەنگە ئاپىرىپ ساتتى. جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەندىلا، جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، 47-تۇەننىڭ چىلانلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، تەدرىجىي ھالدا شىئەن شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، بۇ تۇەننىڭ چىلانلىرى شىئەندە «نام» چىقاردى.

تۆت يىل تىجارەت قىلىش ئارقىلىق، جاۋ خۇڭۋېينىڭ يىغقان پۇلى بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن مۇقىم خېرىدارى بار بولدى، ئۇ ئامانەت پۇلى ۋە بايلىق مەنبەسىنى ئېلىپ داۋاملىق 47-تۇەنگە قايتىپ تەرەققىي قىلىشنى قارار قىلدى.

2017-يىلى، جاۋ خۇڭۋېي مال مەنبەسىنىڭ سۈپەتلىك، يېتەرلىك بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى تېرىغان چىلاننى خوتەن شەھىرىدىكى چىلان پىششىقلاش زاۋۇتىغا ئاپىرىپ ئىنچىكە پىششىقلىغاندىن كېيىن ساتتى. ئىنچىكە پىششىقلانغاندىن كېيىنكى چىلاننىڭ پايدىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى كۆرۈپ، جاۋ خۇڭۋېي 47-تۇەندە پىششىقلاش زاۋۇتى ئېچىشنى ئويلىدى. «ئىشىك ئالدىدىلا پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرغاندا، ئۆزىمىز پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە تۇەن-چاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىغا پاراۋانلىق ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ. بۇ كىچىككىنە پىششىقلاش زاۋۇتى ئارقىلىق، تۇەن-چاڭنىڭ چىلىنىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى جاۋ خۇڭۋېي.

جاۋ خۇڭۋېي تۇەن-چاڭ رەھبەرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، تۇەن-چاڭ ئۇنى 100 مو كۆلەمدىكى زاۋۇت ئۆيى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە بىر يىللىق ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى. بىر مەزگىل تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جاۋ خۇڭۋېي قۇرغان قۇرۇمقاش شەھىرى كۈنخېخۇڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى. پىششىقلاش زاۋۇتىدىكى ماشىنىغا توك يەتكۈزۈلگەن پەيتتە، جاۋ خۇڭۋېي ھاياجانلانغانلىقىدىن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.

«ئىلگىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماي ساتاتتى، مەھسۇلات سۈپىتى ياخشى بولمىسا، تەبىئىيلا ياخشى باھادا ساتالمايتتى. ھازىر يېڭىلا ئېتىزدىن يىغىۋالغان چىلاننى ماشىنىغا سالساقلا، ئاپتوماتىك ھالدا دەرىجىگە ئايرىش، يۇيۇش، قۇرۇتۇش، ئوراپ قاچىلاش، ساندۇققا قاچىلاشقا باشلايمىز، ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە چىلاننىڭ شەكلى تولغان، مېۋىسى تەكشى، رەڭگى پارقىراق بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئادەم كۈچىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، سېتىلىش باھاسىمۇ مال باھاسىدىن ئۈچ-تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ» دېدى جاۋ خۇڭۋېي.

ھازىر، كۇنخېخۇڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئاستا-ئاستا ئىزىغا چۈشتى، چىلاننىڭ كۈندىلىك پىششىقلاش مىقدارى 60 توننىغا يېقىنلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ