تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ توققۇزتارا: ھويلا-ئاران ئىگىلىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاۋ مىڭياڭ، جاڭ شوۋفاڭ خەۋىرى): بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى تاشتۆپە يېزىسى باقباي كەنتىدىكى لى خۇەيسېننىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئۇنىڭ پارنىكىدىكى موگۇلار موگۇ زەمبۇرۇغ خالتىسىدىن كىچىككىنە باشلىرىنى چىقارغانىدى.

گەرچە توققۇزتارا ناھىيەسىدە ھازىر سىرتنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن تۆت-بەش سېلسىيە گىرادۇس بولسىمۇ، ئەمما لى خۇەيسېننىڭ پارنىكىنىڭ ئىچى ئىللىق ئىدى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن موگۇلار ناھايىتى ياخشى ئۆسكەنىدى. بۇ ئىككى يىلدا، لى خۇەيسېن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۆزىنىڭ ھويلا-ئارانىدا موگۇ ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇردى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە سورتى جەھەتتە، ئۇ چىگىت پوستىنى ئېچىتىپ خالتىغا قاچىلاپ تېرىيدىغان تەمى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، باھاسى مۇۋاپىق پىڭگۇ ئۆستۈرۈشنى تاللاپ، كىرىمىنى ئوڭۇشلۇق ئاشۇردى. لى خۇەيسېن مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن بۇ موگۇدىن 8000 خالتا، 8000 زەمبۇرۇغ تاياقچىسى تېرىشقا تەييارلىق قىلدىم، بۇ يىل موگۇنىڭ باھاسى ھەر ھالدا ياخشى بولدى، ئالدىنقى مەزگىلدە توپ باھادا 10 يۈەندىن سېتىلدى، ھازىر سەككىز يۈەن، يەنى بۇ بىر قىشتا 30-40 مىڭ يۈەن تاپالىشىم مۇمكىن.

تاشتۆپە يېزىسى باقباي كەنتى ناھىيە بازىرىغا بىر قەدەر يېقىن كەنت، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بۇ ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران باقمىچىلىقى، تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئالدىن بېيىغانلاردىن تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، بەس-بەستە ئىشلەيدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈردى.

توققۇزتارا ناھىيەسى تاشتۆپە يېزىسى باقباي كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىنكار ئايىتجان مۇنداق دېدى: قىش كەلگەندە، پۇقرالار دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىكار ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھويلا-ئاران باقمىچىلىقى، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، قىشتا بىكار تۇرماي، ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باقباي كەنتىدە، لى خۇەيسېنغا ئوخشاش ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئائىلە كىرىمىنى كۆپەيتكەن كەنت ئاھالىسى 20 نەچچىگە يەتكەن، ئۇلار كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھويلا-ئاران ئارقىلىق كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ھويلا-ئاران ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش يولىدا ماڭغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ