تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

نۇرمەمەت توخۇ فېرمىسىدا بېيىش چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ئايسالقىن بەكتۇر خەۋەر قىلىدۇ) ھەر كۈنى 18 مىڭ تۇخۇم تۇغدۇرۇلىدۇ، يىللىق كىرىم 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، سېتىش يوللىرى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە... 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، نۇرمەمەت ئەمەت بۇ يىل توخۇ فېرمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئەھۋالىنى ئېنىقلىغاندا، ئىختىيارسىز ئويغا چۆمدى: «بۇ ئادەتتىكى تۇخۇم ئەمەس، بۇ بىزنىڭ كەنتىمىزنىڭ ‹ئالتۇن تۇخۇمى›».

  نۇرمەمەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى كاتتايلاق يېزىسى قۇدۇق كەنتى فۇمىڭ توخۇ فېرمىسى مەيدانىنى كۆتۈرە ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىندا، توخۇ فېرمىسى مەيدانىنىڭ ئىككىنچى مەزگىللىك كۆتۈرە ئېلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى، ئۆزى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ.

  «بىر ئادەم بېيىسا ھېچگەپ ئەمەس، كۆپچىلىكنى باشلاپ بىللە بېيىشلا، ھەقىقىي بېيىش!» دېدى نۇرمەمەت، ئۇنىڭ دېيىشىچە، توخۇ فېرمىسى مەيدانىدا داۋاملىق سودا قىلسا كەنتتىكى 21 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، كاتتايلاق يېزىسى قۇدۇق كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىق ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، بارلىق نامرات ئاھالىلەر ئۈچۈن «بىر ئائىلىگە بىر جەدۋەل بولۇش»تەك بىر يۈرۈش ياردەم بېرىپ يۆلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، نامرات نوپۇسلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  قۇدۇق كەنتىدىكى فۇمىڭ توخۇ فېرمىسى مەيدانى خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقارغان «بىر ئائىلىگە بىر جەدۋەل بولۇش» كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ بىرى. توخۇ فېرمىسى مەيدانى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرمەمەت كۆتۈرە ئېلىپ، كەنت بىلەن ئىشچى ئىشلىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، نۇرمەمەت ئىككى توخۇ فېرمىسى مەيدانىنى كۆتۈرە ئېلىپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق مىكىيان باقتى، ھەر كۈنى 18 مىڭدىن ئارتۇق تۇخۇم چىقىرىلىدۇ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش شەھەر رايونى قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ. نۇرمەمەتنىڭ يانچۇقى بارغانسېرى تومپايدى، توخۇ فېرمىسى مەيدانى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ