تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

توشقان كەسپى «بەخت ھىدى»نى يەتكۈزدى

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ شيا، دۇڭ شۈەي): 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى قورغان كەنتىدىكى گۆش توشقىنى زاۋۇتىدا، قاتار-قاتار زامانىۋى زاۋۇت ئۆيلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كۆلچەكلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى...

  زاۋۇتنىڭ باش دىرېكتورى يەن رېنبىڭ توشقان كاتىكىدە دېھقانلارغا توشقاننى قانداق بېقىشنى ئۆگىتىۋاتاتتى: «ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقان، گۆش توشقىنى، سۆسەر توشقىنى، ھەربىر تۈر ئۆسۈش جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىل، يىرىك تالا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئوخشاش بولمايدۇ. تېخنىكىلىق تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى بولغىنى ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقان بولۇپ، ئوزۇقلۇق مىقدارى ئېشىپ كەتسە، ئاسان ئۆلۈپ قالىدۇ، ئوزۇقلۇق مىقدارى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا، يۇڭ مەھسۇلات مىقدارى تەلەپكە يەتمەيدۇ...»

  توشقان بېقىش تەجرىبىسى ئۈستىدە توختالغاندا، يەن رېنبىن مۇنداق دېدى: «ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە كىچىكىمدىن تارتىپلا كىچىك ھايۋانلارنى بېقىشنى ياخشى ۆرۈپ كەلدىم، 13 ياش ۋاقتىمدا 200 توشقان باققانىدىم.» 2018-يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ بىرنەچچە شېرىكى بىلەن بىللە قورغان كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بۇ يەرنىڭ سۇ، ئوت-چۆپلىرىنىڭ مول، تىنچ، ئازادە، يېرى تەكشى بولۇپ، گۆش توشقىنى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  قورغان كەنتى گۆش توشقىنى زاۋۇتى تۈرىگە جەمئىي 8 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 2019-يىلى 7-ئايدا، گۆش توشقىنى زاۋۇتىنىڭ 32 گۆش توشقىنى باقمىچىلىق سېخىنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇپ بولغان بولۇپ، بۇ زاۋۇت گۆش توشقىنى بېقىش، سويۇش، سوغۇق ساقلاش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان. بىر يىلدىن كۆپرەك تەرەققىيات ئارقىلىق، ھازىر گۆش توشقىنى زاۋۇتىدا 50 نەچچە ئىشچى-خىزمەتچى بار، زاۋۇتتا يىلىغا 350 مىڭ تاۋار توشقان بېقىلىدۇ، يىللىق پايدا 3 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 25 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپ كىرىمىنىڭ 150 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  گۆش توشقىنى زاۋۇتى يەنە يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ گۆش توشقىنى باقمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، تېخنىك خادىملارنى كەنت ئاھالىلىرىگە باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى قولمۇقول ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىپ، دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئېنىق چۈشەندۈردى، بىر ئايدىن كۆپرەك تەربىيەلەش ئارقىلىق، 32 ئادەم تەربىيەلەشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئەزەلدىن توشقان بېقىپ باقمىغان نۇرغۇن دېھقان باقمىچىلىق ماھىرىغا ئايلاندى.

  بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن ئايتۆرەم جۈمە ئائىلىسىنىڭ يېرى يوق ئىدى، ئاتا-ئانىسى ناھايىتى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ بالىلىرىنى باقاتتى. يەن رېنبىڭ ئۇنى گۆش توشقىنى زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى، بۇنداق بولغاندا ھەم بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى، ھەم مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولغىلى بولاتتى. ھازىر ئۇ توشقان بېقىش تېخنىكىسىنى تولۇق ئىگىلەپ بولدى.

  «بۇ يىل يېڭىدىن ئالتە توشقان كاتىكى سالدۇق، بۇنىڭغا 5000 نەسىللىك توشقان سىغىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى بېيىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ» دېدى يەن رېنبىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ