12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئالاتاۋ شەھىرى ئېبنۇر كۆلى بازارلىق يەسلىدىكى كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە، جۇۋاۋا تۈگۈشنى ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ جىندۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خې يىڭ، باقىتگۈل تىلەبالدى، ياڭ مىڭجۇ خەۋىرى، فوتوسى): 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەۋسۇمى قىشلىق كۈن توختاش كۈنى. شىمالدا، جۇۋاۋا يەپ قىشلىق كۈن توختاش كۈنى ئۆتكۈزۈشتەك ئەنئەنىۋى ئۆرپ ـ ئادەت بار. شۇ كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، ئورگان كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، تۇغقانلاشقان كادىرلار قاتارلىقلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن بىللە جۇۋاۋا تۈگۈپ، بايرام ئۆتكۈزدى، ھەممە يەردە كۆپچىلىكنىڭ بايرام ئۆتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى.
جۇۋاۋىنىڭ خۇش پۇرىقى ئەتراپقا تارىلىپ، قەلبلەر ئىللىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جۇۋاۋىلار قازاندىن چىققاندىن كېيىن، مەھەللە كادىرلىرى تەرىپىدىن تەۋەلىكىدىكى يالغۇز تۇرۇۋاتقان ياشانغانلار، قەھرىتان سوغۇقتا بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە جۇۋاۋا يەپ، جەم بولۇش ھەققىدە پاراڭلاشتى.
12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسى كۆك توخۇ نەسىللىك چارۋا مەيدانى ئورگان كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدىكى جۇۋاۋا قەلبلەرنى ئىللىتتى» تېمىسىدا جۇۋاۋا تۈگۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك پالەك پىلتىسى، كاۋا پىلتىسىدىن ھەرخىل رەڭلىك جۇۋاۋا تۈگدى. پائالىيەتتە ئىناقلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، ساغلاملىق چۈشەندۈرۈلدى.
12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، بورتالا گېزىتخانىسى «قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە جۇۋاۋا تۈگۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ، جۇۋاۋا يەپ، ئەنئەنىۋى ئۆرپ ـ ئادەتنى ھېس قىلدى.
12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، جىڭ ناھىيەسى جىڭ بازىرىدا «قىشلىق كۈن توختاش كۈنىدە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ئورگان كادىرلىرى تۈگۈپ بولغان جۇۋاۋىنى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىغا سوۋغا قىلدى.