تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

90- يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت «گۈزەل تۇرمۇشى»نى ئويۇپ چىقتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (جىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى چېن يىۋېن خەۋىرى): جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازىرى كۆكقاشا شىمالىي كەنتى شۇگۇاڭ مەھەللىسىدىكى مېيگۈي دۇكىنىدا، 90- يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت تۇرغۇنتاي ئابابېكرى ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئويمىچىلىق ماشىنىسىدىن پات-پات گۈركىرىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

  «بۈگۈن نەچچە پارچە سودا توختامى تۈزدۈڭلار؟ ئالدىنقى كۈنى خېرىدارلار زاكاز قىلغان ئىشىك دېرىزىلەرنى ئويۇپ بولدىڭلارمۇ؟ پۇل تېپىش مۇھىم، لېكىن ئىشلەش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.» 12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ئەتىگەندە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ شۇگۇاڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى ئادىل ھۈسەن تۇرغۇنتاينىڭ ئويمىچىلىق دۇكىنىغا كەلدى.

  «ئادىل شۇجى، قاراڭ، مەن بايا كومپيۇتېردا بىر ئۆرنەك خەرىتە لايىھەلىدىم، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسەممۇ خېرىدارلار زاكاز قىلغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمەن» دېدى ئادىلنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن تۇرغۇنتاي بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئويۇش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلغاچ.

  تۇرغۇنتاينىڭ دادىسى مېيىپ، ئانىسى كېسەلچان بولۇپ، ئائىلىسى قاتمۇقات قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانىدى. 2014 ـ يىلى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە دەپ بېكىتىلدى. ئەينى چاغدا، تۇرغۇنتاي كۆڭلىدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ياخشى خىزمەت تېپىپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا قەسەم قىلغانىدى.

  2016 ـ يىلى، 24 ياشلىق تۇرغۇنتاي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، مېھمانساراي، تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئورنى، رېمونتخانىلاردا ئىشلىدى... تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، ئۇ ئارقا-ئارقىدىن خىزمەت ئالماشتۇردى، ئەمما تۇرمۇشى ياخشىلانمىدى. 2017 ـ يىلى، بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە تۇرغۇنتاي سانجىدىكى بىر ئويمىچىلىق زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ لايىھەلەش، ئويمىچىلىقنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئويمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىككى يىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاتا- ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئويمىچىلىق دۇكىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

  «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ! ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى شۇنداق ياخشى، تىرىشساملا، باش قاتۇرساملا، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىيالايمەن» تۇرغۇنتاي مۇشۇنداق ئويلىدى ھەم شۇنداق قىلدى.

  دۇكان ئېچىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى قوزغىتىش مەبلىغى توپلاش، خىزمەت ئەترىتى تۇرغۇنتايدا مەبلەغ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىپ مەبلەغ جۇغلىدى. 2020- يىلىنىڭ بېشىدا، تۇرغۇنتاي دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئاچقان ئويمىچىلىق دۇكىنى خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى. تۇرغۇنتاي قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، تېخنىكا ۋە ئەسەر ئارقىلىق خېرىدارلارنى جەلپ قىلماقچى بولدى. ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئويمىچىلىق تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، چارچىسا ئازراق ئارام ئېلىپ، قورسىقى ئاچسا بىر چىشلەم نان يەيتتى، ئەسەرگە نىسبەتەن، ئۇ ئىجتىھات بىلەن بېرىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلەتتى، دەل مۇشۇ خىل ئەستايىدىللىق روھى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى بارغانسېرى كۆپ خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتۈردى.

  قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە تۇرغۇنتاي ئۆيىدىكى قەرزلەرنى قايتۇرۇپ بولدى. «كېيىنكى قەدەمدە، مەن ئويمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇكان كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەنتتىكى نامرات كەنت ئاھالىلىرىنى دۇكانغا كېلىپ ھۈنەر ئۆگىنىشكە جەلپ قىلىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى تۇرغۇنتاي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ