12-ئاينىڭ 22-كۈنى، چېڭدې شەھىرى شۇاڭچياۋ رايونى كۇيشىڭيۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ جىڭجۈ تىياتىرى دەرسىدە، ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە جىڭجۈ تىياتىرى ئۆگەنمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: خېبېي ئۆلكىسى چېڭدې شەھىرى شۇاڭچياۋ رايونى كۇيشىڭيۈەن باشلانغۇچ مەكتىپى جىڭجۈ تىياتىرى سەنئەت مائارىپىدىكى خاس مەكتەپ بولۇپ، «پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بويىچە مۇنەۋۋەر جۇڭخۇا مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلغان مەكتەپ» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. بۇ مەكتەپ جىڭجۈ تىياتىرىنى مەكتەپ دەرسلىكى سۈپىتىدە مەكتەپنىڭ دەرس جەدۋىلىگە كىرگۈزگەن، مەكتەپ كۈچلەرنى تەشكىللەپ ئوقۇتۇش ماتېرىيالى تۈزۈپ، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى، بالىلار جىڭجۈ تىياتىرى ئورۇنلاش ماھارىتى ۋە ناخشىلاردىن ئارىيە ئورۇنلاش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى جىڭجۈ تىياتىر مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى ليۇ خۇەنيۈ فوتوسى